بۈركۈت نەي
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 933 قىتىم

بۈركۈت نەي
بۈركۈت نەي — تاجىكلارنىڭ بىر خىل ئالاﻫىدە چالغۇ ئەسۋابى بولۇپ تاغ بۈركۈتى قانىتىنىڭ سۆڭىكىدىن ياسالغان .قار مۇزلۇق چوققىلار بىلەن قاپلانغان پامىر تاغ بۈركۈتىنىڭ ماكانىدۇر .ئەقىللىق ،باتۇر تاجىكلار تاغ بۈركۈتىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ ،ئۇنىڭ ئىككى تال سۆڭىكىدىن بۈركۈت نېيى ياسىغان.
بۈركۈت نېيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر چى (تەخمىنەن 33 سانتىمېتىر ) ئەتراپىدا بولۇپ ،ئۈستۈنكى ئۇچى سۈركەپ تەكشىلەنگەندىن كېيىن ،پۈۋلەيدىغان تۆشۈك ئېچىلغان .پۈۋلىگەندە نەيچە ئوڭ تەرەپكە قىڭغايتىلىپ ،ئۆپكىدىن چىققان ﻫاۋا ئېقىمى مەلۇم بۇلۇڭ ﻫاسىل قىلىدۇ –دە ،ئاۋاز شەكىللىنىدۇ .نەيچىنىڭ تۆۋەنكى ئۇچۇ كىسىۋېتىلىپ ،ئۇچ تۆشۇك ئېچىلىدۇ .پۈۋلىگەندە قول بارمىقى بىلەن مۇزىكا رىتىمىغا ئاساسەن بېسىپ تۇرۇلىدۇ ياكى ئوچۇق قالدۇرۇلىدۇ .نەتىجىدە ،ئاۋاز ئۆزگىرىشى كېلىپ چىقىدۇ .بۈركۈت نېيىنىڭ ئاۋازى سۈزۈك ،ئىپادىلەش كۈچى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس ،پەقەت بەزى رىتىملىق ئاددىي ئاﻫاڭلارنى چىقىرالايدۇ .ئەمما ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئالاﻫىدە ئاﻫاڭدارلىقى بار بولۇپ ،تاجىك مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداشتا كەم بولسا بولمايدىغان چالغۇ ئەسۋاب بولۇپ قالغان .
پامىر ئىگىزلىكىدە بۈركۈت نېيىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان گۈزەل رىۋايەتلەر تارقىلىپ يۈرمەكتە .ئېيتىشلارغا قارىغاندا ،ناﻫايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى بىر يىگىت بىلەن بىر قىز بىر چارۋىچىنىڭ قولىدا ئىشلەيدىكەن .يىگىت مال باقىدىكەن ،قىز كىر يۇيىدىكەن ،ﻫەيۋەتلىك مۇز تاغ ئېتىكىدە ،گۈزەل داپدا يايلىقىدا ،كۆركەم مارسۇ ساﻫىلىدا ئىشلىگەن ۋاقىتلىرىدا ئۇلار دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىكەن ،ئۇلار ناخشا ئېيتىپ قەلب ئىزﻫار قىلىشىدىكەن ،مۇﻫەببەتلىشىدىكەن .كېيىن قارا نىيەت خوجايىن ئۇلارنى ئايرىۋەتمەك بولۇپ ،يىگىتنى تاغدا قوي باقىدىغانغا ،قىزنى تاغ ئېتىكىدە تۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ .يىگىت تاغ باغرىدىكى مەشۇقىغا يۈرەك سۆزىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ،ئوقيا بىلەن بىر تاغ بۈركۈتىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ ،ئۇنىڭ قانات سۆڭىكىدىن دۇنيا بويىچە تۇنجى بۈركۈت نېيىنى ياساپتۇ .قىزچاق بۇ نەي ئاۋازىنى ئاڭلاپ ،يۇرىكى ئويناپ ،چۈش كۆرگەندەك بولۇپ كېتىپتۇ .ئۇ كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان تاغ بۈركۈتىگە تەلمۈرۈپ ،مۇڭلۇق نەي ئاۋازىغا ئەگىشىپ ،تاغ بۈركۈتىنىڭ ئۇچۇۋاتقان ۋاقىتتىكى ئەگىشىنى دورايدىكەن .ﻫېكايە قىلىنىشىچە ،بۇ تاجىك مۇزىكىسى ۋە ئۇسسۇلىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئىكەن .(تامام)