guide
ساپايە
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
1313 قىتىم
      ساپايە—  قەدىمكى زامان سوقما چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى .ئۇ ئاساسەن ئۆرۈك ،ياڭاق ۋە ئۈجمە ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ .يەنە بەزىلىرى كىيىك مۈڭگۈزىدىنمۇ ياسىلىدۇ .ئادەتتە ئۇ ئىككى تال دۈگىلەك ،قىسقا ياغاچ ساپنى بىر–بىرىگە جۈپلەپ ،ئۈستىگىرەك ئىككى تال چوڭ تۆمۇر ﻫالقا بېكىتىلىپ ياسىلىدۇ .ﻫەر بىر تۆمۇر ﻫالقىغا ئون نەچچە تالدىن ئۇششاق تۆمۇر ﻫالقىلار ئۆتكۈزۈلگەن بولىدۇ .ساپايىنى تىك كۆتۈرگەندە كىچىل تۆمۇر ﻫالقىلارنىڭ ياغاچ ساپقا تېگىشىش ئورنىغا ئاۋازى جاراڭلىق چىقىش ئۈچۈن قەلەي بېكىتىلىدۇ .قولنىڭ ﻫەرىكىتى ئارقىلىق ياغاچ ساپ يوقىرى –تۆۋەنگە ﻫەرىكەتلەندۈرلۈپ ،تۆمۈر ﻫالقىلار ياغاچنىڭ سېپىغا بىر خىل ئۇداردا ئۈزلۈكسىز تەگكۈزۈلىدۇ .نەتىجىدە ،بىر خىل رىتىمىلىق شالدۇر –شۇلدۇر ئاۋاز پەيدا بولۇپ ،مۇزىكا رىتىمىگە ئالاﻫىدە بىر خىل تۈس قوشۇلىدۇ .ساپايە دەستىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 46 سانتىمېتىر ،چوڭ ﻫالقىنىڭ دىئامېتىرى توققۇز سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ .چىلىش جەريانىدا ساپايىنىڭ يۇقىرى ئۇچى ۋە تۆۋەنكى ئۇچىنى ئۇدارغا كەلتۈرۈپ ﻫەربىر سىلكىگەندە ئوڭ مۈرە ،قول ۋە باشقا جايلارغا يېنىك تەگكۈزۈپ قويۇلىدۇ .