قالۇن
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 936 قىتىم
قالۇن — قەدىمقى چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ بىرى ،ئۇ ئادەتتە ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ ،ئەكس سادا ساندۇقى پەلەمپەي شەكلىدە بولۇپ ،ئالدى تارراق ،كەينى كەڭرەك ،سول تەرىپى ئەگرى ،ئوڭ تەرىپى تۈز بولىدۇ .ئۇ ئاساسەن جاﻫازىغا ياكى يەرگە تۇز ياتقۇزۇلۇپ ،ئوڭ قولىنىڭ باش كۆرسەتكۈچ ۋە ئوتتۇرا بارماقلىرى بىلەن تارىسىنى ئىلىپ ،سول قولدا باسقۇچ ئارقىلىق تارىسىنى بېسىش ۋە سىيرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چېلىنىدۇ .ئۇنىڭ ئاۋازى يېقىملىق ۋە تىيىلىما ئاﻫاڭلارغا باي بولۇپ ،بىر خىل پەۋقۇلئاددە تەۋرىنىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .
قالۇننىڭ 16،18 ۋە 24 تارىلىق شەكىللىرى بار ،ﻫەر بىر تارىسى جۈپ سىم قىلىنىپ ،بىر تەبىئىي ئاﻫاڭغا تەڭشىلىدۇ ۋە تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ تەبىئىي ئاۋاز باسقۇچلىرى رېتى بويىچە تىزىلغان .ئۇ دولان مۇقاملىرىنىڭ مۇﻫىم تەڭكەش قىلغۇچى چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى .