ئاككوردىيوننىڭ ئۇيغۇر ناخشا–مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداشتا تۇتقان ئورنى ۋە رولى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 843 قىتىم
ئاككوردىيون – خەلقئارادا بىر قەدەر ئومۇملاشقان، تارقىلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولغان بارمانچۇقلۇق چالغۇ ئەسۋابى بولۇپ، قۇرۇلمىسىنىڭ ئەپچىللىكى، ئىپادىلەش كۈچىنىڭ موللۇقى، ئاۋاز تۈسىنىڭ يېقىملىقلىقى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىكلىكى بىلەن ﻫەر قايسى ئەل سەنئەت ﻫەۋەسكارلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاككوردىيون دۆلىتىمىزدە جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالتاي، چۆچەك، غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدا ئومۇملىشىپ، سەﻫنىلەردىلا ئەمەس، بەلكى توي – تۆكۈن، تۈرلۈك يىغىلىشلار، سەيلە – ساياﻫەت، مەشرەپ – باراۋەتلىرىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇﻫىم بىر چالغۇ ئەسۋابىغا ئايلاندى.
ئاككوردىيون گەرچە ياۋروپا چالغۇسى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ موللۇقى، ئاۋاز تۈسىنىڭ يېقىملىقلىقى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىكلىكى بىلەن، يەككە مۇزىكىلارنى ئورۇندىغىلى، ئوركېستىر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چالغىلى، چوڭ – كىچىك خورلارغا، يالغۇز كىشىلىك ناخشىلارغا، بالىلار ناخشىلىرىغا چېلىشقا ماس كېلىدۇ، ئىجادىيەتچىلەرمۇ مۇزىكا ئىشلەشتە ۋە مۇزىكا ئاككۇرتلاشتۇرۇشتا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىپ كەلمەكتە.
ئاككوردىيون ﻫازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، سەنئەت ئۆمەكلىرىدە، ئاممىۋى مەدەنىيەت سارايلىرىدا ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆز رولىنى زور دەرىجىدە نامايان قىلىپ كەلمەكتە. چۈنكى، ئاككوردىيون چەت ئەل ئاﻫاڭلىرىنى ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاﻫاڭلىرىنى ئورۇنداشتا ئەمەس، ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداشتىمۇ مۇﻫىم ئورۇندا تۇرىدۇ ۋە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر خەلق ئاﻫاڭلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىغىلى، ئىجادىي ئاﻫاڭلارنى، ياشلار، بالىلار ناخشىلىرىنى ياخشى چالغىلى بولىدۇ. ﻫەتتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەنئەت بېغىدىكى بىباﻫا گۆﻫەر، سەنئەت گۈلتاجى بولغان ‹‹12 مۇقام››دىن ئارىيە قاتارلىقلارنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ.
دېمەك، ئاككوردىيوندىن ئىبارەت بۇ چالغۇ ئۇيغۇر سەنئىتىدە ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداشتا بەلگىلىك ئورۇن تۇتۇپ، مىللىي سەنئىتىمىزنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئويناپ كېلىۋاتىدۇ. مىللىي سەنئىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇش، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى جاﻫان ئەﻫلىگە نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۆز خاسلىقىمىزنى ساقلىشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ سېﻬرىي كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز، سەنئىتىمىزنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاككوردىيوننىڭ ئالاﻫىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئارقىلىق جاپالىق مەشىق قىلىپ، يۇقىرى ماﻫارەت يېتىلدۈرۈپ، ئاككوردىيوننىڭ ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداش جەﻫەتتىكى رولىدىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز كېرەك.