guide
بۇرغا
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
1123 قىتىم

        بۇرغا ئەڭ قەدىمكى چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ ، پۈۋلەپ چېلىندىغان چالغۇلار ئىچىدە ئاۋاز كۈيى ئەڭ زور ، ياڭراق بولغاچقا ، قەدىمكى ئۇرۇشلاردا كۆپ قوللىنىلغان . ئۇ دەسلەپتە كالا ۋە ئۆچكە مۈڭگۈزىدىن ياسالغان ، مىس قوراللار دەۋرىدە مىستىنمۇ ياسالغان . ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 — 30 سانتېمىتىر ئۆپچۆرىسىدە ، يېرىم ئەگمە شەكلىدە بولىدۇ . ئۇچلۇق ئۇچىدا بىر دانە پۈۋلەش تۆشۈكى بولۇپ ، يوغان ئۇچى كېسىۋېتىلىپ ، كاناي شەكلىدە ئىچى ئويۇلۇپ ، ياسىلىدۇ ، بارماق تۆشۈكلىرى بولمايدۇ .
       بۇرغا ئەسلىدە ئىسقىرتتىن ( بىر خىل كەدىمكى چالغۇ ) كېلىپ چىققان بولۇپ ، تارىخىي خاتىرىلەردە يېزىلىشىچە ، يېڭى تاش قورال دەۋرىدىلا ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىغان .
       مىس قوراللار دەۋرىگە كەلگەندە ، بۇرغا مىستىن ياسىلىپ ، ‹‹ مىس بۇرغا ›› دەپ ئاتالغان . ‹‹ نەغمىنامە ›› نىڭ 125 – جىلدىدا ، ‹‹ مىس بۇرغا ئىدىقۇتلۇقلارنىڭ چالغۇسى ئىدى ›› دەپ خاتىرىلەنگەن .