بالىمان
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 920 قىتىم

بالىمان تۈز تۇتۇپ، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇ بولۇپ، پۈۋلەيدىغان ئۇچى ياپىلاقلىنىپ، توغرىسىغا ياغاچ قىستۇرۇلىدۇ. ئۈستىدە كۆپلىگەن تۆشۈكچىلەر بولىدۇ ۋە نەيگە ئوخشاش بارماقلار بىلەن بېسىپ چېلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 28 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋاز تۈسى ئوتتۇرا ئاۋازغا مايىلراق بولۇپ، قۇمۇشنىڭ تىترىشىدىن پەيدا بولىدىغان ئاجايىپ يېقىملىق بىر خىل تۈسكە ئىگە. ئۇ خوتەن رايونىدا ناﻫايىتى كەڭ تارقالغان. ﻫازىرقى بالىمان سەككىز تۆشۈكلۈك بولۇپ، ئاۋاز دائىرىسى C1 ئاﻫاڭدىن C2 ئاﻫاڭغىچە بولىدۇ. بارماق بېسىش قائىدىسى نەي بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.
بالىمان ئەڭ قەدىمكى چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ‹‹ قالۇنلار قامۇسى ›› دا ‹‹ بىلى ›› دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا ‹‹ پىپى ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
شىنجاڭدىكى مىڭئۆي رەسىملىرىدە مەيلى خەن، جىن سۇلالىسى ياكى جەنۇبىي – شىمالىي سۇلالىلەردىن تاكى سۈي سۇلالىسىغىچە بولغان دەۋرلەردە بولسۇن، ﻫەممىسىدە بالىمان ﻫەققىدە ئېنىق تەسۋىرلەر بار. ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن بالىمانلار ئاساسەن يەتتە تۆشۈكلۈك. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرپان مىڭئۆيلىرىدە يەنە قوش بالىمان ( بىر – بىرىگە چېتىلىدىغان ) چېلىۋاتقان سازەندە رەسىمىمۇ ساقلانغان.(تامام)