دومبۇرا
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 782 قىتىم

دومبۇرا — قازاق خەلقىنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرى ئىچىدە تارلىق چەكمە چالغۇلار ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلاردىن دومبۇرا ۋە جېتىگىن خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە .
دومبۇرا قازاقلار ئارىسىدا ئەڭ كەڭ تارقالغان ئىككى تارىلىق ياكى ئۈچ تارىلىق چەكمە چالغۇ بولۇپ ،ئادەتتە قېين ،شەمشاد ،ئۆرۈك ياغاچلىرىدىن نەقىشلىك ،كۆركەم قىلىپ ياسىلىدۇ .ئۇ ﻫەم چالغۇ ،ﻫەم نەپىس قول ﻫۈنەر –سەنئەت بۇيۇمى ﻫېساپلىنىدۇ .دومبۇرانىڭ ئاۋاز ساندۇقى (رېزونا تورى )ئادەتتە سوقىچاق بولىدۇ .بەزىلىرى نۇرغۇن ياغاچ پارچىلىرىنى بىر –بىرىگە چېتىش ئارقىلىق ،بەزىلىرى پۈتۈن ياغاچنى ئويۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ .دومبۇرا بېشىنىڭ قورسىىقىغا تارلارنى كۆتۇرۇپ تۇرىدىغان خەرەك ئورنىتىلىدۇ .دومبۇرانىڭ دەستىسى ئىنچىكە چەم ئۇزۇن بولىدۇ .دەستىسىگە تار بىلەن پەدە باغلىنىدۇ .قەدىمكى زاماندا دومبۇرانىڭ بەش ياكى يەتتە پەدىسى بولاتتى ،كېيىن توققۇزغا يەتكۈزۈلگەن .ﻫازىر 19پەدە باغلىنىدىغان بولدى .
دومبۇرا قازاقلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ،ئۇنى خەلق ناخشىلىرىغا تەڭكەش قىلغىلى ،يالغۇز مۇزىكىلارنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ .بولۇپمۇ زامانىۋى ئوركېستىرلارداا ئىشلىتىلىدىغان دومبۇرا تۇرلىرى تېخىمۇ كۆپ .بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت تارىلىق ،12 پەدىلىك ئەڭ يوقىرى ئاۋازلىق دومبۇرا ،تۆت تارىلىق ،15پەدىلىك يۇقىرى ئاۋازلىق دومبۇرا ،ئىككى تارىلىق ،17پەدىلىك تۆۋەنرەك ئوتتۇرا ئاۋازلىق دومبۇرا ،ئىككى تارىلىق ،10پەدىلىك ئەڭ تۆۋەن ئاۋازلىق دومبۇرالار بار .19 پەدىلىك دومبۇرا بىلەن ﻫەرقانداق مۇزىكىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ .(تامام)