guide
خۇشتار
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
985 قىتىم
      خۇشتار — ئۇيغۇرلارنىڭ كامانچە بىلەن چالىدىغان چالغۇ ئەسۋابى . جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ماتېرىيالىغا ئاساسەن، شۇنداقلا قەدىمكى زاماندىكى چالغۇ ئەسۋابى — ئەشتاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقلغان. خۇشتارنىڭ بېشى ئامۇت شەكلىدە بولۇپ، بوغۇزى قىسقا بولىدۇ . تۆت تال مېتال تارىسى يەنە يەتتە تال ئۈنلەش تارىسى بار. خۇشتار چالغۇچى خۇشتارنىڭ دەستىسىنى سول قولىدا تۇتۇپ ، خۇشتارنى سول تىزىغا قويۇپ ، ئوڭ قولىدا كامانچىنى تۇتۇپ تارتىپ چالىدۇ . خۇشتارنىڭ ئاۋازى ئىنچىكە ، زىل ، يېقىملىق بولۇپ ، ئىپادىلەش كۈچىگە باي ، خەلق ناخشا ئاﻫاڭلىرىنى چېلىشقا باب كېلىدۇ .
    ئۇ، قەدىمكى غېجەك ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان چالغۇ بولۇپ ﻫېساپلىنىدۇ . ئۇ ئۆزىنىڭ كۆركەم شەكلى ۋە يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكا ئوركېستىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقان بىر خىل چالغۇ . ئۇنىڭ دەستىسى ئۇستىگە قۇشنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ، ئاساسىي گەۋدىسى چاپلىما راۋابقا ئوخشاش ياغاچ تارشىلىرىدىن چاپلىنىپ ياسىلىدۇ ، بويى تەخمىنەن 50 سانتىمېتىر بولۇپ، تار تاختىسى ۋە تارلىرىنىڭ ئورۇنلىشىشى ﻫازىرقى زامان غېجىكىگە ئوخشايدۇ . چېلىش ئۇسۇلى غىجەك بىلەن ئوخشاش . ئۇنىڭ ئاۋازى سۈزۈك ۋە جاراڭلىق كېلىدۇ .(تامام)