guide
ياپونىيەدە سامساق تەملىك كولا بازارغا سېلىندى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
809 قىتىم
       
       
 
    ئامېرىكا ‹‹ ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 4-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە ، سامساق نۇرغۇن تاماقلاردا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل تەم تەڭشىگۈچ ، بىراق سىز سامساق تەملىك كولانى ئىچىپ باققانمۇ؟ ئىچىپ باقمىغان بولسىڭىز ئەمدى چوقۇم ئىچىپ بېقىڭ، چۈنكى يېقىندا ياپونىيەدە سامساق تەملىك كولا بازارغا سېلىندى.
    ناﻫايىتى ئۆزگىچە بولغان بۇ خىل ئىچىملىكنى ياپونىيە ئامورى (Aomori) شەﻫىرى 1-ئايدىن باشلاپ بازارغا سېلىشقا باشلىغان بولۇپ، شۇ يەرلىك كىشىلەر بۇنداق كولانى Jats Takkola دەپ ئاتايدۇ. ئامورى شەﻫىرى بۇرۇندىنلا ‹‹ ياپونىيەنىڭ  سامساق ماكانى ››، ‹‹ سامساق يۇرتى ›› دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە ﻫەر يىلى دېگۈدەك سامساقتىن مول ﻫوسۇل ئېلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يەرلىكتىكى بىر قىسىم شىركەتلەر ئالدىنقى يىلىدىن باشلاپ سامساق تەملىك مەﻫسۇلاتلارنى بازارغا سېلىشقا باشلىغان ، مەسىلەن : سامساق تەملىك پىۋا، سامساق تەملىك ماروژنى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندا يەنە تېخى سامساق تەملىك كولامۇ بازارغا سېلىندى، ناﻫايىتى ئېنىقكى، كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ خىل يېڭى ئىچىملىكنى كۆپ قېتىم سىناش ئارقىلىقلا ئاندىن ئىچىشكە كۆنەلىشى مۇمكىن.
    سامساق تەملىك كولا ئاساسلىقى كولا بىلەن ئېزىلگەن سامساقنى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تەملىك كولانىڭ تەمى خۇددى ئادەتتىكى كولانىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن، لېكىن ئىچىپ بولغاندىن كېيىن سامساقنىڭ تەمىنى ﻫېس قىلغىلى بولىدىكەن . 
    قىزىقارلىقى شۇكى، مەزكور كولانىڭ سىرتقى قېپىدىكى چۈشەندۈرۈشىدە سامساقنىڭ خام ماتېرىيال قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلمىگەن ، شۇڭا ئەﻫۋالنى بىلمىگەن دوستلار بۇنىڭدىن ﻫەيران قېلىشى مۇمكىن . نۆۋەتتە ، ئامورى شەﻫىرىدىكى سودا تور بېكەتلىرى 24 يېشىك سامساق تەملىك كولا يەنى Jats Takkola سېتىپ چىقارغان بولۇپ، سېتىلىش باﻫاسى 7200 يېن (تەخمىنەن 375 يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر ) بولغان، ئامورى شەﻫىرىدە بىر بوتۇلكا سامساق تەملىك كولانىڭ باﻫاسى 199 يېن (تەخمىنەن 15.6 يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر) ئىكەن.