ئامېرىكىدا بىر ئەر قار ئۆي ياساپ ئىجارىگە بەردى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 1050 قىتىم

ئېلاندا مۇنداق دېيىلگەن: بۇ قار ئۆيدە ئىككى ئادەم تۇرالايدۇ، قار ئۆيدە سۇدىن ساقلاش پالىزى بىلەن يوگا پالىزى بار، ﻫاجەتخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۆي ئىجارە ئالغۇچى پەقەت ئۇخلاش خالتىسىنى ئېلىپ كەلسىلا بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئەر قار ئۆي ياساش تېخنىكىسىنى سىبىرىيەگە ساياﻫەتكە بارغاندا ئۆگەنگەن ئىكەن. قار ئۆي ئىجارە بېرىش توغرىسىدىكى ئېلانلارنىڭ توردا بېرىلىشى گەرچە كۆپ ئۇچرىسىمۇ، ئەمما قار ئاز ياغىدىغان ماسساچۇسېتستا تۈنجى قېتىم ئىكەن.
