guide
91 ياشلىق مۇلازىمەتچى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
1700 قىتىم
 
    مۇلازىمەتچى دېگىنىمىزدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ﻫەرىكىتى چاققان ياشلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ، ئەمما ﻫەممە يەردە مۇلازىمەتچى ياشلاردىن بولۇپ كېتىشى ناتايىن. گېرمانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ۋېئارىن بازىرى يېنىدىكى بىر تاماقخانىدا 91 ياشلىق ئايال مۇلازىمەتچى كەيتى مېﻬمانلارغا پىۋا قويۇپ بېرىدۇ. كەيتى 1939-يىلىدىن باشلاپ بۇ تاماقخانىدا مۇلازىمەتچى بولۇپ ئىشلىگەن، ﻫازىرغا قەدەر 75 يىللىق خىزمەت تارىخىغا ئىگە. ئۇنىڭ خىزمىتى تاماق توشۇش ۋە ﻫاراق قويۇش، ئۇ ﻫەر ﻫەپتىسىگە بەش كۈن، كۈندىگە بەش سائەتتىن ئون بىر سائەت ئىشلەيدۇ. كەيتى دەم ئالغاندا كىتاب ئوقۇپ، ساياﻫەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.