guide
‹‹ زابوي ئېيىق ››
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
575 قىتىم
 
    رۇسىيە ‹‹گېزىت خەۋەرلىرى›› نىڭ 5-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەدىكى بىر ئاشخانا خوجايىنى بېقىۋاتقان ئىككى ئېيىققا داۋاملىق ﻫاراق بەرگەن، نەتىجىدە بۇ ئىككى ئېيىق ﻫاراققا خۇمار بولۇپ ‹‹زابوي ئېيىق›› لاردىن بولۇپ قالغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، يەرلىك سوت بۇ ئىككى ئېيىقنى ئاشخانىدىن ئېلىپ كېتىش توغرىسىدا ﻫۆكۈم چىقارغان. ئىككى ئېيىقنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنى رۇسىيە چېگرا رايون تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدىكەن. 
   ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاشخانا خوجايىنى ئىلگىرىمۇ ﻫايۋاناتلارنى بېقىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئەرز قىلىنغان ئىكەن. گەرچە خوجايىن بۇ ئىككى ئېيىقىنى ﻫايۋاناتلار باغچىلىرىغا ئاپىرىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بىرمۇ ﻫايۋاناتلار باغچىسى ﻫاراق ئىچمىسە تۇرالمايدىغان بۇ ئىككى ‹‹زابوي ئېيىق›› نى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان.