guide
ئالتۇن يېمەكلىك
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
986 قىتىم
 
    بىلگىيەنىڭ ئەڭ ياخشى شاكىلاتىدا ئىشلەنگەن بۇ شاكىلات تورتقا ئالتۇندىن ﻫەل بېرىلگەن بولۇپ، تورتنىڭ ئۈسىتىگە يەنە تېخى ئىككى كاراتلىق ئالماس قويۇلغان.
 
    بۇ شاكىلاتلىق ماروژنىغا 28 خىل كاكائو ئۇرۇقى ئىشلىتىلگەن، ماروژنىغا ئالتۇندىن ﻫەل بېرىلگەن بولۇپ، ماروژنىغا بەش گىرام 23K لىق ئستېمال قىلغىلى بولىدىغان ئالتۇن سېلىنغان.
     2 مىڭ فوندىستېرلىڭ قىممىتىدىكى بۇ ئالتۇندا زىننەتلەنگەن پىسانى شوتلاندىيەلىك بىر ئاشخانىنىڭ خوجايىنى ياساپ چىققان.
     سۇشى ياپونىيەنىڭ داڭلىق يېمەكلىكى بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق، ئالتۇن بىلەن زىننەتلەنگەن بۇ سۇشىغا يەنە غاز جىگىرى ۋە نورۇۋىگىيەنىڭ رەڭلىك بېلىقى سېلىنغان.
    نيۇ يورك مېﻬمانخانىسى 2007-يىلى ئالتۇن قوشۇلغان پېرەنىك ياساپ چىققان، خېرىدارلا بۇ خىل نىممەتكە ئېغىز تىگىش ئۈچۈن 24 سائەت ئىلگىرى زاكاس قىلىشى كېرەك ئىكەن.
    بۇ كاتتا تۇغۇلغان كۈن تورتىغا ئالتۇن ئىشلىتىلگەندىن سىرت ئىككى كاراتلىق ئالماسمۇ ئىشلىتىلگەن، ئىككى مىڭ دوللارلىق بۇ تورتنى بىر خېرىدار ئاتمىش ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن سېتىۋالغان.
    كىشىنى مەست قىلىدىغان بۇ خۇش پۇراق قەﻫۋەگە ئالتۇن چېچىلغان.
   بۇ تورتقا ئىستېمال قىلغىلى بولىدىغان ئالتۇن ئىشلىتىلگەن سىرت يەنە ئىتالىيەنىڭ شاكىلاتى، قىممەت باﻫالىق بۆلجۈرگەن ئىشلىتىلگەن.