guide
2014-يىلى ئامېرىكىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن 10 پارچە سۈرەت
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
1374 قىتىم
   ئامېرىكا زەيتۇن توپ بىرلەشمىسى تەنﻬەركەتچىسى قىزىغا ياردەملىشىپ راك كېسىلىگە قارشى تۇردى. 2014-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا زەيتۇن توپ بىرلەشمىسىنىڭ تەنﻬەرىكەتچىسى سىفېر (Sfer) قىزىنى راك كېسىلى ئوپراتسىيەسى قىلدۇردى، ئۇ ئىزچىل ﻫالدا قىزىنى ئىلﻬاملاندۇرۇپ، قىزىغا مەدەت بەردى. ئەمەلىيەتتە سىفېر تېخى يېقىندىلا، ئۆزى تۇرغان كوماندا تەرىپىدىن ئىشتىن قالدۇرۇلغان ئىدى، بىراق شۇ يىلى 9-ئايدا مەزكۇر كوماندا يەنە ئۇنىڭ بىلەن توختام ئىمزالىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزىنىڭ داۋالىنىش ﻫەققىنى تۆلىيەلەيدىغان بولدى.
     بوستون مارافۇنچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى پارتلاش ۋەقەسىدە ئامان قالغۇچى بىلەن بىر سىستېرا توي قىلدى. 2013-يىلى 4-ئايدىكى بوستون مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى پارتلاش ۋەقەسىدە ئامان قالغان جامېس (James) ئىسىملىك بىر ئەر 2014-يىلى 8-ئايدا ئۆز ﻫالىدىن خەۋەر ئالغان سىستېرا كىرىستا (Crista) بىلەن  توي قىلدى. جامېس شۇ قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسىدە ئېغىر يارلانغان بولۇپ، تىرە كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالىنىشىنى قوبۇل قىلدى، سىستېرا كىرىستا دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ ﻫالىدىن ئىزچىل خەۋەر ئالدى، بۇ بىر جۈپ ياش بۇ سەۋەبتىن مىﻬىر-مۇﻫەببەت دەرياسىغا غەرق بولغاندىن كېيىن ئاخىرى شۇ كۈنى توي قىلدى.
     بىر ئايال مىئامى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئوغۇل بوۋاقنى قۇتۇلدۇرىۋاتىدۇ. 2014-يىلى 2-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئاپتوموبىللار قىستىلىشىپ كەتكەن مىئامى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئەمدى بەش ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقنىڭ تۇيۇقسىز نەپسى توختاپ قالغان بولۇپ، بەدەنلىرى كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئانىسى قورقۇپ جېنى چىقاي دەپلا قالدى. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ ئانىسىنىڭ سىڭلىسى بالىغا قارىتا جىددى ﻫالدا ئېغىزدىن نەپەسلەندۈرۈش ۋە يۈرىكىنى بېسىش قاتارلىق قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ باردى، ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر يولدا توختاپ ئۇلارنى ساقلاپ تۇردى ۋە قاتناش تەرتىپىنى ساقلاشقا ياردەملەشتى، ئاخىرىدا بۇ بوۋاق بەختكە يارىشا ﻫايات قالدى.
    راك كېسلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان دادا قىزىنىڭ قولىنى تۇتقان ﻫالدا قىزىل گىلەمدە ماڭماقتا. ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا بېرىپ قالغان بىر دادا ﻫاياتىنىڭ ئاز قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئالدىراقسانلىق بىلەن قىزىنى ياتلىق قىلدى، 2014-يىلى 3-ئايدا تېخى ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن قىز قىزىل گىلەمدە مېڭىپ توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق «توي» ئۇلارنىڭ ئارقا ﻫويلىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇلارنىڭ قولۇم-قوشنىلىرى ياردەملىشىپ مۇراسىم كىيىمى، ئالماس ئۈزۈك، تورت، سوۋغات بۇيۇمى ئېلىشىپ بەردى ۋە بىر پوپ تەكلىپ قىلىپ بەردى. بىراق بۇ «توي» دا يىگىت يوق بولۇپ، پەقەت «كېلىنچەك» بىلەن ﻫاياتى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان دادىلا بار ئىدى.
    راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالا تۇغۇلغان كۈنىدىكى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى . ئامېرىكا ماسساچۇستىس ئىشتاتىدىكى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بىر بالا ئۆزىنىڭ ئالتە ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە  10 مىڭ دانە تۇغۇلغان كۈن تەبرىكلەش كارتىسى قوبۇل قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن، كېيىن ئۇ دۇنيانىڭ ﻫەر قايسى جايلىرىدىن ئەۋەتىلگەن تەبرىكلەش كارتىسىنى قوبۇل قىلىپلا قالماي يەنە كۆپلىگەن سوۋغات بۇيۇملىرىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالدى.
 
    ساقايماس كېسەل بولۇپ قالغان ئەر ئۆلۈش ئالدىدا ئايالى ۋە قىزىغا 30 پارچىدىن ئارتۇق خەت يازغان. 26 ياشلىق خۇيسېن خۇرت (Huyssen Hurt) تۆت يىلنىڭ ئالدىدا ناﻫايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئېرسىي كېسەل مارفانىس كېسىلى (Marfan's syndrome) گە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇ ئۆز ﻫاياتىنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئايالى ۋە قىزىغا ئۇقتۇرماي، يوشۇرۇنچە كۆپ پارچە خەت يازغان، ئۇ خېتىدە قىزىنىڭ چوڭ بولۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇنىڭغا ﻫەمراﻫ بولىدىغانلىقىنى خاتىرلىگەن. خۇيسېن خۇرتنىڭ ئايالى مۇنداق دېدى، مەن بۇ خەتلەرنى ﻫەرگىزمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن ئاچمايمەن، ﻫەر بىر پارچە خەتنى قىزىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئېچىپ بىللە ئوقۇيمەن.
   بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا تۇرغان بالىسىنىڭ ئاخىرقى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. ئامېرىكا پىنسىلوۋانىيە ئىشتاتىدىكى بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ئوغلى شائون (Shaon) تېخى تۇغۇلماي تۇرۇپلا مىڭىسى يىگىلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان، ئۇلار بۇرۇن بالىسى ئۈچۈن «ئارزۇ تىزىملىكى» تۈزۈپ چىققان ۋە ﻫامىلدار ۋاقتىدا چوقۇم ﻫەممە ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پۈتۈشكەن. بىتەلەي بۇ بوۋاق شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئەتىگەندە بۇ دۇنياغا كۆز ئاچتى، بىراق پەقەت تۆت سائەتلا ياشىيالىدى.
     راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوغۇل بالا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ دۇنيا كەسپىي كالتەك توپ مۇسابىقىسىنى كۆردى. بۇ يىل ئالتە ياشقا كىرگەن بۇ ئوغۇل بالا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇ قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنىڭ نەق مەيداندا تۇرۇپ دۇنيا كەسپىي كالتەك توپ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ۋىلسون (Wilson) ئىسىملىك بۇ بالىنىڭ ئومۇرتقىسىدا ئۆسمە بار بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، ئۇ كانساس شەﻫەر خان جەمەتى كوماندىسى (Kansas City Royals) نى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇ يىل مەزكۇر كوماندا دۇنيا كەسپىي كالتەك توپ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، ۋىلسونمۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
     ئۈچ ياشلىق قىزچاق ئۆزىنىڭ دوستى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ چېچىنى ئىئانە قىلدى. ئامېرىكا مېئانې ئىشتاتىدىكى ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن ئارىئانا شىمىس (Ariana Smith) قولىدا بىر پارچە قەغەزنى كۆتۈرىۋالغان بولۇپ، قەغەزگە «مەن ئارىئانا شىمىس، بۇ يىل ئۈچ ياشقا كىردىم، بۈگۈن مەن تۇنجى قېتىم چېچىمنى كېسىمەن، مەن بۇ ئارقىلىق يەنە بىر قىزچاقا ياردەم قىلىپ ئۇنىڭمۇ چاچقا ئىگە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، دەپ يېزىلغان ئىدى. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر كىچىك قىزچاقنىڭ چېچىنى چۈشۈرگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنى قارار قىلغان.
     «9.11» تېررورلۇق ۋەقەسى خارابىلىكىدىن تېپىۋېلىنغان بىر پارچە توي سۈرىتى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلدى. سۈرەتتە: «9.11» تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىلزابىت (Elizabeth) نىڭ دوستى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى قالايمىقانچىلىق ئىچىدىن بىر پارچە توي سۈرىتى تېپىۋالغان ۋە ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەرگەن، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىلزابىت ﻫەر يىلى دېگۈدەك بۇ سۈرەتنى تورداشلىرىغا ئەۋەتىپ سۈرەتنىڭ ئىگىسىنى ئىزدېگەن، ئاخىرى 12 يىلدىن كېيىن سۈرەتتىكى يىگىتنى تاپقان ۋە سۈرەتتىكى ئالتە كىشىنىڭ يەنىلا ﻫايات ئىكەنلىكىنى بىلگەن.