ياپونىيەدە خاككېرىلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 613 قىتىم
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە يېڭى بىر ئەۋلاد ياش خاككېرلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا توكيودا چوڭ كۆلەمدىكى خاككېرلار مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ‹‹ SECCON2014 ›› ياپونىيەدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ خاككېر مۇسابىقىسى بولۇپ، ئالدىنقى يىلى دېكابىردىن باشلاپ توردا تىزىملاش ۋە دەسلەپكى باسقۇچ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلغان، جۇڭگو، ياپونىيە، رۇسىيە، كورىيە، ئامېرىكا قاتارلىق يەتتە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 90 خاككېر ﻫەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن.
ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇننىڭ ئېيتىشىچە، مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن خاككېر بۇ يىل ئامېرىكا لاسۋىگاستا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا خارەكتىرلىك ئەڭ كۈچلۈك خاككېرلار مۇسابىقىسى Def Con CTF نىڭ ﻫەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە بىۋاستە قاتنىشىش سالاﻫىيىتىگە ئېرىشىدىكەن.