guide
ئەنگلىيەدە دېڭىز ئاستىغا داچا سېلىنىدۇ
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
756 قىتىم
 
    ئەنگلىيە ‹‹ ئەينەك گېزىتى ›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەلىك بىر بىناكار دېڭىز ئىچىگە 42 داچا سېلىشنى پىلانلىغان.بۇ داچىلار ئۈچ قەۋەتلىك بولۇپ، ئىككىنچى قەۋىتى ياتاق ئۆي ۋە مۇنچا، بىرىنچى قەۋىتى ئاشخانا ۋە مېﻬمانخانا ئىكەن.بۇ داچا دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن تۆت مېتىر چوڭقۇرلۇققا سېلىنىدىغان بولۇپ، داچىغا كەلگەن مېﻬمانلار ئەينەك تام ئارقىلىق دېڭىزدىكى ﻫايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەردىن ﻫوزۇرلىنالايدىكەن.
   بىناكارنىڭ ئېيتىشىچە، داچا پالۇبىنىڭ ئۈستىگە سېلىنىدىغان بولۇپ، كېمە ئارقىلىق دېڭىزگە يۆتكەپ سۇ ئاستىدىكى مۇۋاپىق ئورۇنغا بېكىتىلىدىكەن. بۇ دېڭىز ئاستى داچا قۇرۇلۇشى بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا باشلىنىدىكەن.