81 يىللىق بەختلىك نىكاﻫ تۇرمۇشى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 633 قىتىم
كانزاس ئىشتاتىدىكى ئەيلىس روچ بىلەن دەير روچنىڭ توي قىلغىنىغا 81 يىل بولغان بولۇپ، ئۇلار 1933-يىلى ئىككى ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ توي خېتى ئالغان ئىكەن.
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكىدا نىكاﻫ مۇناسىۋىتى ئەڭ ئۇزاق داۋاملاشقان ئەر-خوتۇنلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، توي قىلغىنىغا 81 يىل بولغان بۇ ئەر-خوتۇن چېمپىيون بولغان.ﻫازىر 99 ياشقا كىرگەن بۇ ئىككىيلەننىڭ بەش ئوغلى، 28 نەۋرىسى ۋە ئەۋرىسى بولۇپ، ئۇلار ﻫازىرغىچە ‹‹ سەن - پەن ›› دېيىشىپ باققان ئەمەس ئىكەن.
ئەيلىس مۇنداق دېدى: بىزنىڭ مۇﻫەببىتىمىزنىڭ بۈنداق كۆڭۈللۈك داۋاملىشىغا بارلىق ئىشتا ئېرىمگە يول قويغانلىقىمدىن بولدى.
ئۇلار 1979-يىلى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى بارلىق ئىشتاتلارنى ساياﻫەت قىلىپ چىققان.