guide
ئامېرىكىلىق بالىلار ﻫەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ناشتىلىقىنى تېتىدى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
593 قىتىم
     ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 12-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكىلىق بالىلارنىڭ دۇنيانىڭ ﻫەر قايسى جايلىرىنىڭ ناشتىلىقىنى تېتىغان ۋىدىيوسى توردا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ ئىنكاسى ئىنتايىن قىزىقارلىق بولغان.11-فېۋرال بۇ ۋىدىيو توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇنىڭ قويۇلۇش قېتىم سانى مىليوندىن ئاشقان.
     ۋىدىيودا بۇ بالىلار ئايرىم ﻫالدا كورىيە، بىرازىلىيە، فىنلاندىيە، ۋىيېتنام، پولشا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ناشتىلىقىنى تېتىغان. بالىلارنىڭ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بۇ يېمەكلىكلەرگە بولغان ئىنكاسى ئوخشاش بولمىغان.
     ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا بۇ بالىلار پولشانىڭ تۇخۇمى قاتارلىق ناشتىلىقلارنى بەكرەك ياقتۇرغان، گوللاندىيەنىڭ شاكىلاتى بولسا بالىلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشكەن. لېكىن بەزى بالىلار ئىنتايىن ئاڭلىق ﻫالدا: ‹‹ئاپام ناشتىلىققا شاكىلات يېمەسلىكىمنى ئېيتقان، بۇنداق ناشتىلىق ‹ساغلام ئەمەس››› دېيىشكەن.