guide
ئەڭ تېز سۈرئەتتە رەسىم سىزغۇچى ئايال
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
684 قىتىم
 
    چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەلىك رەسسام جىن ئەللېن ئۈچ مىنۇتتا بىر داڭلىق شەخسنىڭ رەسىمىنى سىزىپ بولۇپ ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە رەسىم سىزغۇچى ئايال دېگەن نامغا ئېرىشكەن. گەرچە ئۇ بىر شەخسنى سىزىش ئۈچۈن پەقەت ئۈچ مىنۇت ۋاقىت ئىشلەتسىمۇ، ئەمما سىزغان شەخسلىرنىڭ ئالاﻫىدىلىكى ئىنتايىن روشەن بولۇپ، كىشلەر ئۇنىڭ كىمنى سىزىۋاتقانلىقىنى بىر قاراپلا بىلەلەيدىكەن.
    ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن جېن ۋە ئۇنىڭ ئەترىتى پۈتۈن دۇنيادا سەييارە ئويۇن قويىدىكەن. ئۇنىڭ نومۇر كۆرسىتىشىگە مەسئۇل رېژىسسور بىلەن مۇزىكا ئىشلىگۈچىمۇ داڭلىق زاتلاردىن ئىكەن. جېننىڭ نۇمۇر كۆرسىتىش ۋاقتى تۆت مىنۇت ئەتراپىدا بولۇپ، رەسىم سىزىشى ئۈچ مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن. ئۇ ﻫەر قېتىم رەسىم سىزغاندا داڭلىق شەخسلەرنى تاللايدىكەن. شۇنداق قىلغاندىلا تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدىكەن.
    جېن 2008-يىلى ‹‹سېرىك دۇنياسى›› دېگەن سەييارە سېرىك ئۆمىكىگە قاتنىشىپ، تېز سۈرئەتتە رەسىم سىزىش ماﻫارىتى بىلەن كىشلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ رەسىملىرى ئەنگلىيەدىكى ﻫەر قايسى چوڭ رەسىم سالونىدا سېتىلىدىكەن.