guide
ئاۋىستىرالىيەدىكى پىنگۋىنلار مايكا كىيىۋالدى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
624 قىتىم
 
    چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋستىرالىيەدىكى 109 ياشقا كىرگەن بوۋاي ئالفىرېد ئاۋستىرالىيە پىنگۋىن ئارىلى پىنگۋىن فوندىنىڭ چاقىرقىغا بىنائەن ئارالدىكى نېفىت بۇلغىمىسىغا ئۇچراپ يوقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان پىنگۋىنلار ئۈچۈن مايكا توقۇپ بەرگەن.
    ئىگىلىنىشىچە، نېغىتتىن بۇلغىلىنىش مەسىلىسى كۈنسېرى ئېغىرلاشقان بۇ ئارالدا نۇرغۇنلىغان پىنگۋىننىڭ تېرىسىگە قېلىن بىر قەۋەت نېفىت چاپلىشىپ قالغان. خىزمەتچى خادىملار پىنگۋىننىڭ تېرىسىدىكى نېغىتنى يەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، پىدائىيلارنى پىنگۋىنغا مايكا توقۇپ بېرىشكە چاقىرغان. بۇ يىل 109 ياشقا كىرگەن ئالفىرېد مانا مۇشۇ پىدائىيلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قىزىقىشى مايكا توقۇش ئىكەن. ئۇ 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا توقۇمچىلىققا قىزىقىپ قالغان بولۇپ، ﻫازىرغا قەدەر 80 يىللىق مايكا توقۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەن.