guide
تويىدا «جورىسى»نىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالغان يىگىت قولغا ئېلىندى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
862 قىتىم
 
ماتېرىيال سۈرەت
 
    ئامېرىكا تېلېۋىزىيە فىلىمى ‹‹ تۇرمۇشتىكى چوڭ پارتلاش ›› دىكى باش پېرسوناژ روس ئۆزىنىڭ توي مۇراسىمىدا ئالدىنقى قىز دوستىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ سالىدۇ، غەزەپلەنگەن قىز كېلىنچەك مەيدانىدىن قېچىپ كېتىپ، توي بۇزۇلىدۇ. ئامېرىكا ‹‹ نيۇيورك كۈندىلىك گېزىتى ›› نىڭ 14-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئەنگلىيەدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئىش يۈز بەرگەن. تويدا يىگىت ئۆيلەنمەكچى بولغان قىزنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئوغۇل بىلەن قىز ئىككىلىسى قولغا ئېلىنغان.
    بۇ بىر جۈپ قىز-يىگىت ئايرىم -ئايرىم ﻫالدا ۋېنگرىيەلىك ۋە پاكىستانلىق بولۇپ، بىر-بىرى بىلەن ئەسلا تونۇشمايدىكەن. يەرلىك كۆچمەنلەر قانۇنىغا ئاساسەن چېگرىدىن مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىشتەك تەقدىرگە دۇچار بولغان بۇ ئىككىيلەن يالغان توي قىلىش ئارقىلىق بۇ قىسمەتتىن قۇتۇلماقچى بولغان. ئەمما يىگىت تويدا قىزنىڭ ئىسمىنى ئەسلىيەلمىگەن ﻫەمدە تونۇشتۇرغۇچىغا تېلېفون قىلىپ سورىماقچى بولغان، ئۇنىڭ بۇ قىلىمىشلىرىدىن گۇمانلانغان ساقچىلار بۇ ئىككىيلەننى سوراق قىلىپ، ئىشنىڭ تەكتىگە يەتكەن. نۆۋەتتە ئۇلار ئايرىم -ئايرىم ﻫالدا 20 ئايلىق ۋە 17 ئايلىق قاماق جازاسىغا ﻫۆكۈم قىلىنغان.