دۇنيادا سۈت مەﻫسۇلاتلىرى كىرزىسى يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 739 قىتىم
جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئېﻬتىياج ئەڭ تېز ئېشىۋاتقان سۈت مەﻫسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى ئىچكى ئېﻬتىياج سەل ئۆرلەش سەۋەبىدىن، سۈت پاراشوكى كۆپ ئىمپورت قىلىنىپ، ئامبار زاپىسى ئېﻬتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەچكە، سۈت مەﻫسۇلاتلىرىنىڭ باﻫاسى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ.
NZX Agri شىركىتىنىڭ سۈت مەﻫسۇلاتلىرى تەﻫلىلچىسى سۇسان گىرىسبى: سۈت مەﻫسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى يەنە ئالتە ئايدىن كېيىن ياخشىلىنىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە جۇڭگونىڭ سۈت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يازدا پەسىل خاراكتېرلىك ئېشىشى مۇمكىن. مېنىڭچە سۈت مەﻫسۇلاتى ئانچە كۆپ ئاشمايدۇ. چۈنكى باﻫا تۆۋەن بولغاچقا، سۈت مەﻫسۇلاتىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولالمايدۇ. لېكىن تەمىنلەش مىقدارى كۆپ بولغاچقا، سۈت مەﻫسۇلاتلىرىنىڭ باﻫاسى يىل ئاخىرىغىچە مۇشۇنداق تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن، دېدى.
جۇڭگو سۈت كالىلىرى فېرمىلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا نۇرغۇن مەبلەغ سېلىش بىلەن بىللە، سۈت پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ سۈتكە بولغان ئېﻬتىياجى ئازايغاچقا، كىچىك كۆلەمدىكى سۈت كالىلىرى فېرمىلىرى سۈتنى تۆكمە قىلىپ سېتىپلا قالماي، بەزىلىرى ﻫەتتا كالىلىرىنىمۇ سېتىۋاتىدۇ.
رۇسىيە قوللانغان يېمەكلىك ئىمبارگوسى ﻫەرىكىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ پىشلاق ئېكسپورتىنى ئۈزۈۋەتكەچكە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۈت باﻫاسى 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى.
سۈت مەﻫسۇلاتلىرىنىڭ باﻫاسى ئۆتكەن 12 ئايدا تېز تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، بەزىلەر قەرەللىك مال بازارلىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، دېﻬقانلارنىڭ بازاردىكى داۋالغۇشقا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ.