قۇياشتا 2015-يىلى تۇنجى ئوتتۇرا دەرىجىلىك تۇيۇقسىز يورۇپ كېتىش ﻫادىسىسى كۆرۈلدى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 984 قىتىم

ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) قۇياش دىنامىكىسى رەسەتخانىسى بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز يورۇپ كېتىش ﻫادىسىسىنى تەكشۈرگەن. بۇ ﻫادىسىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى 5.6 ئوتتۇرا دەرىجە بولۇپ، قويۇپ بەرگەن ئېنېرگىيە مىقدارى نەچچە تىرىليون توننا ۋودورود بومبىسىنى پارتلاتقانغا باراۋەر كېلىدىكەن. قۇياشنىڭ تۇيۇقسىز يورۇپ كېتىش ﻫادىسىسى بىر خىل كۈچلۈك قۇياش ﻫەرىكىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ﻫادىسىنىڭ يۈز بېرىش دەۋرىيلىكى 11 يىل ئىكەن. تۇيۇقسىز يورۇپ كېتىشنىڭ پەيدا بولۇشى ماگنىت مەيدانى ئېنېرگىيەسىنىڭ تېزلىكتە قۇيۇپ بېرىلىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ماگنىت مەيدانى قۇياش داغلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ﻫەرىكەت رايونىغا جايلاشقان. 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 10- ۋە 11-كۈنى قۇياشتا ئۈچ قېتىم X دەرىجىلىك تۇيۇقسىز يورۇپ كېتىش ﻫادىسىسى كۆرۈلۈپ، يەر شارىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى يۇقىرى چاستوتىلىق سىمسىز ئالاقە سىگنالى قىسقا مۇددەتلىك ئۈزۈلۈپ قالغان.