ئاۋسترالىيەدە ﻫايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ياۋايى ﻫايۋاناتلار مېﻬمانخانىسى سېلىندى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 862 قىتىم
بۇمېﻬمانخانىدا جەمئىي 18 يۈرۈش ياتاق بار بولۇپ ،زىراپىنىڭ ئۆسۈملۈك ئۆيى ، ئورمان داچىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن ، بۇ ياتاقلاردا ساياﻫەتچىلەر ياۋايى ﻫايۋاناتلارغا يېقىنلىشالايدىكەن . زىراپىنىڭ ئۆسۈملۈك ئۆيى قورشاۋ تام ئەتراپىغا ياسالغان ، ئورمان داچىسىدىكى ﻫەشەمەتلىك شەخسىي يۈرۈشلۈك ياتاقلار شىر ، قاپلان ، قوڭۇر ئېيىق رايونى بىلەن قوشنا ئىكەن .مېﻬمانخانا خوجايىنى رىچاد تىندالې مۇنداق دېگەن : ساياﻫەتچىلەر مەيلى قەيەرگە بارسۇن ، ﻫەممىلا يەردە ياۋايى ﻫايۋاناتلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ .
ئۇ مۇنداق دېگەن : بىر ياتاقتا ﻫەتتا لەﻫەڭ كۆلچىكى بىلەن تۇتىشىدىغان كىچىك پىرىستانمۇ بار. شۇڭا بۇ ياتاقتا تۇرغانلار لەﻫەڭنىڭ بېشىنى سۈرەتكە تارتىۋالالايدۇ . ياۋايى ﻫايۋاناتلار بىلەن بۇنداق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسەت ساياﻫەتچىلەرنىڭ دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ﻫايۋاناتلار تۈرلىرىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتىرىش.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : بۇ مېﻬمانخانا ناﻫايىتى ياخشى، ﻫايۋاناتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ بوشلۇققا ئىگە بولىدۇ ؛ ساياﻫەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى كۆرەلەيدۇ ؛ ساياﻫەتچىلىك كەسپىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، يەرلىك تېخىمۇ كۆپ كىرىمگە ئىگە بولىدۇ . ئاۋسترالىيە ساياﻫەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جوناسونكوبۇسمۇ يۇقىرىقى نۇقتىلارنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن . ئىگىلىنىشىچە ، جامالا ياۋايى ﻫايۋاناتلار مېﻬمانخانىسى ئېرىشكەن مەبلەغ ياۋايى ﻫايۋاناتلار نەسلىنى كۆپەيتىش تۈرىگە ئىشىلتىلىدىكەن .