تۈركىيە قەدىمىي شەﻫىرى سېلچۇكتا تۆگىلەرنىڭ گۈزەللىك تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 786 قىتىم
بايرام مەزگىلىدە تەشكىللەش ﻫەيئىتى تۆگىلەر گۈزەللىك تالىشىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان. ناﻫايىتى ئېگىز نار تۆگىلەرگە رەڭلىك شايىلار ئارتىلىپ، بوينىغا قوڭغۇراقلار ئېسىلغان. تۆگە ئىگىلىرى تۆگىلىرىگە قەﻫرىمانلار ياكى چولپانلارنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇپ قويغان.
مۇسابىقىدە مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ‹‹ماﻫىر›› لارنى ئىگىلىرى يىتىلەپ، شەﻫەر ئاساسىي لىنىيەسىنى بىر ئايلاندۇرغان. بۇ مەزگىلدە تۈركىيە ئەنئەنىۋى خەلق كۈيلىرى سەنئەتكارلىرى يول بويى ساز چىلىپ، ناخشا ئېيتىپ ماڭغان. باﻫالىغۇچىلار تۆگىنىڭ گەۋدىسى، كۆندۈرۈلۈش دەرىجىسى ۋە ئۈستىگە ئارتىلغان بېزەكلەرگە ئاساسەن ‹‹ئەڭ گۈزەل›› تۆگىنى تاللاپ چىققان.
ئاخىرىدا ‹‹مۇستى›› ئىسىملىك تۆگە بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ‹‹ئەڭ گۈزەل تۆگە›› بولۇپ باﻫالانغان، سېلچۇك شەﻫىرىنىڭ باشلىقى ئۆز قولى بىلەن بۇ تۆگىگە غەلىبىگە سىمۋول قىلىنغان ‹‹ئالتۇن قوڭغۇراق›› نى ئېسىپ قويغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق تۆگە چېلىشىش بايرىمى مەزگىلىدە يەنە تۆگە سوقۇشتۇرۇش ۋە ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت-سەنئەت نومۇرلىرى قاتارلىق ﻫەر خىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.