كولۇمبىيەدىكى 10 ئايلىق قىز بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى 40 جىڭغا يەتتى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 622 قىتىم
ياخۇ ئاخبارات تورىنىڭ 19-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا كولۇمبىيەدىكى 10 ئايلىق بىر قىز بوۋاق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، چۈنكى بۇ قىز بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى 40 جىڭغا يېتىپ، بەش ياشلىق بالىلارنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ كەلگەن.
كىچىك جۇئانانىڭ سېمىزلىكىدىن ئەنسىرىگەن ئاپىسى مۇنداق دېگەن: ‹‹ كىچىك جۇئانا يېڭى تۇغۇلغاندا ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئارانلا ئالتە قاداق (يەنە تەخمىنەن 5.4 جىڭغا باراۋەر) بولۇپ ، ناﻫايىتى ئورۇق ﻫەم كىچىك ئىدى . لېكىن ئارىدىن 15 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قىزىمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تېز سۈرئەتتە ئېشىشقا باشلىدى ، ﻫازىر ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئاللىقاچان 44 قاداق (يەنە تەخمىنەن 40 جىڭغا باراۋەر) قا يەتتى .كىچىك جۇنائانىڭ ئاپىسى مۇخبىرغا: دەسلەپتە ئۆزىنىڭ قىزىدىكى بۇ خىل سېمىزلىكنىڭ بەلكىم پاتولوگىيەلىك سېمىزلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ﻫېس قىلىپ يەتكەنلىكى، لېكىن ئۆزى ئىشسىز بولغاچقا، قىزىنى داۋالىتىشقا پۇلى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان . بەختكە يارىشا، كىچىك جۇئانانىڭ سېمىزلىك ئەﻫۋالى كولۇمبىيەدىكى خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتى __ ‹‹ يېقىملىق يۈرەك ›› فوندى جەمئىيىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان . بۇ ئورگان كىچىك جۇئاناغا ياردەم قىلىپ ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكور فوندى جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى سالۋادو : كىچىك جۇئانادا سېمىزلىك كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈشى ﻫەرگىزمۇ تاساددىپىيلىق ئەمەس، بۇ ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ﻫېسابلىغاندا كولۇمبىيەدە كۆرۈلگەن سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 3-بوۋاق ، دېگەن.ئۆتكەن يىلى مەزكۇر خەير-ساخاۋەت ئورگىنى سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىككى بوۋاقنى داۋالاپ ساقايتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ يىغىندىسى 80 جىڭدىن ئېشىپ كەتكەن .