guide
ئامېرىكىلىق ئەر ﻫورداقخانىدا كۆيۈپ كېتىپ ﻫاياتىدىن ئايرىلدى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
570 قىتىم
 
   ئامېرىكا ‹‹ نيۇيورك كۈندىلىك خەۋەرلىرى ›› گېزىتىنىڭ 21–يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، ئامېرىكا فلورىدا ئىشتاتىدىكى 68 ياشلىق دېننىس ئانتىپورېك ئىسىملىك ئەر ﻫورداقخانىدا يۇيۇنۇۋاتقاندا، ﻫورداق ماشىنىلىرىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ، ﻫورداقخانا ئۆيىگە سولىنىپ قېلىپ، ‹‹تىرىك كاۋاپ›› بولۇپ، تېرىسى بىلەن گۆشى ئاجرىلىپ، ناﻫايىتى ئېچىنىشلىق ﻫالدا ئۆلۈپ كەتكەن.     ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى دېننىس ﻫورداقخانىغا بارىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر پارچە خەت قالدۇرغان ، بىراق بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۆيگە قايتىپ كەلمىگەن. ئۇنىڭ قىزى لارا ﻫورداقخانىغا بېرىپ دادىسىنى ئىزدىگەن. لارا ﻫورداقخانىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپلا كۈچلۈك كاۋاپ، كۆيۈك پۇرىقىنى سەزگەن، ناۋادا دادىسىنىڭ كىيىم ئاسقۇغا ئىلىپ قويغان كىيىملىرىنى تونۇۋالمىغان بولسا، لارا ئاشۇ كۆيۈپ بىر كاللەك بولۇپ قالغان نەرسىنىڭ ئۆز دادىسى ئىكەنلىكىگە ﻫەرگىز ئىشەنمىگەن بولاتتى. يۇقىرى تېمپراتۇرىدا ئۇزۇن ۋاقىت قاقلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، دېننىسنىڭ تېرىسى گۆشىدىن ئايرىلىپ كەتكەن. بۇنداق ئېچىنىشلىق ئۆلۈم ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى بەكمۇ ئازابلىغان.