گوگېل خەرىتىسى ئارقىلىق يۇرتىنى ئىزدەپ تاپقان بالا
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 625 قىتىم
ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 22-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 25 يىل ئىلگىرى ۋوگزالدا ئائىلىسىدىكلەردىن ئادىشىپ يۈتۈپ كەتكەن ﻫىندىستانلىق ئوغۇل سارو گوگېل تورىنىڭ خەرىتىىسى ئارقىلىق يۇرتىنى ئىزدەپ، يېقىندا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇنىڭ بۇ كەچۈرمىشى ‹‹ يۇرتقا قايتىش ›› دېگەن تېمىدا كىنو قىلىپ ئىشلىنىدىكەن.
سارو بەش يېشىدا ئاكىسى بىلەن ۋوگزالدا ئادىشىپ قالغان. ئۇ: مەن ئۇخلاپ قوپۇپ كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا ئاكام كۆرۈنمىدى، مەن ئۇنى ئىزدەپ بىر پويىزغا چىقتىم، كىم بىلسۇن پويىزغا چىقىشىم بىلەن پويىز قوزغىلىپ مېڭىپ كەتتى، مەن ئاكامنى تاپالمىدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ مېنىڭ تەقدىرىم پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتتى، دېگەن
پويىز مەنزىلگە يېتىپ بارغىنىدا، سارو يۇرتىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كالكۇتتاغا كېلىپ قالغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تىلەمچىلىك ﻫاياتىنى باشلىغان. بەختكە يارىشا ئۇزۇنغا قالماي سارو ئاۋىستىرالىيە بىر جۈپ ئەر-ئايال تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان. گەرچە سارو يېڭى ئائىلىسىدە بەختىيار تۇرمۇشقا ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما يۇرت ئازاپى ۋە ئائىلىسىگە بولغان چەكسىز سېغىنىش ئۇنى ﻫەر ۋاقت ئازاپلىغان. نەتىجىدە ئۇ گوگېل تورى ئارقىلىق يۇرتىنى ئىزدەشكە كىرىشكەن. 2011-يىلى ئۇ يۇرتىنى ئىزدەپ تېپىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولغان.