guide
ئوغلىنىڭ قىز دوستى بىلەن توي قىلغان 60 ياشلىق بوۋاي
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
921 قىتىم
 
    ئەنگلىيەدىكى 60 ياشلىق بوۋاي فىرانك دونىر گەرچە ئالتە نەۋرىگە بوۋا بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قېرىغىنىغا تەن بەرمىگەن. فىرانك بىر يىلنىڭ ئالدىدا كەنجى ئوغلىنىڭ 19 ياشلىق قىز دوستى سامى بىلەن مۇﻫەببەتلىشىپ قالغان، ئۆيدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي قىز بىلەن توي قىلىپ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان. بوۋاينىڭ بارلىق تۇغقانلىرى بۇنى نومۇس بېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان توغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىدىن ۋاز كەچكەن. 41 ياش پەرقلىنىدىغان بۇ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق مۇﻫەببىتىنى كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن يەنە تېخى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما نەق مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ زاڭلىق قىلىشىغا ئۇچرىغان.