دېلفىن بىلەن مۇناسىۋەتتە بولغان ئەر
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 889 قىتىم
ئەنگلىيە ‹‹ ئەينەك گېزىتى ›› نىڭ 1-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى 63 ياشلىق ئەر مالكولىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دوللىي ئىسىملىك بىر چىشى دېلفىن بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتتە بولۇپ، بۇ خىل مۇناسىۋەت بىر يىلچە داۋاملاشقان.
ئىگىلىنىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 1971-يىلى فوتوگرافلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مالكولىم ﻫايۋاناتلار باغچىسىدا دېلفىننى سۈرەتكە تارتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ تېخىمۇ ياخشى سۈرەتلەرنى تارتىش ئۈچۈن دوللىي بىلەن كۈندە بىرگە ئويناپ، ياخشى بولغان ئىشەنچ مۇناسىۋىتىنى تۇرغۇزغان.
مالكولىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دوللىي بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشىدە دوللىي تەشەببۇسكار بولغان ئىكەن. گەرچە مالكومىل ئالدىدا بۇ ئىشقا تازا قىزىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مېﻬر-مۇﻫەببەتنىڭ كۈنسېرى ئېشىشى بىلەن مالكولىم ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن. ﻫايۋاناتلار باغچىسىدىكى بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، مالكولىم بىلەن دوللىي ئەركەك دېلفىدىن يوشۇرۇن نەچچە قېتىم بىرگە بولغان. مالكولىم ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بۇ خىل ﻫېسسياتنىڭ ﻫەقىقىي ساپ مۇﻫەببەت ئىكەنلىكىنى، دوللىيدىن ئايرىلغان بەش يىلنى ئازاپ ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئىگىلىنىشىچە، مالكولىم ئىككى قېتىم ئاجراشقان بولۇپ، نىكاﻫ تۇرمۇشىدىن زادى كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن ئىكەن.