guide
ﻫاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرەلەيدىغان سۇغۇر
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
647 قىتىم
 
    ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى سۇغۇر فېل ﻫاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرەلەيدىغان ئالاﻫىدە ئىقتىدارغا ئىگە بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكىغا تونۇلغان .
    سۇغۇر فېل شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 2-فېۋرال سەﻫەر ئۆچەكتىن چىققاندا ئۇنىڭ سايىسى يەر يۈزىگە چۈشكەن . كىشلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر فېل ئۆچەكتىن چىقىپ يەر يۈزىگە سايىسى چۈشسە، شىمالىي ئامېرىكىدا قىشنىڭ سوغۇق ﻫاۋاسى يەنە ئالتە ﻫەپتىگىچە داۋاملىشىدىكەن، ئەگەر سايىسى چۈشمىسە، ئەتىياز كىرىپ، ﻫاۋا ئاستا ئىسسىشقا باشلايدىكەن.
    ئىگىلىنىشىچە، سۇغۇرنىڭ ﻫاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرەلەيدىغانلىقنى 19-ئەسىردىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىكەن، كىشلەر سۇغۇرنىڭ ئۆچەكتىن چىققان كۈنىنى، يەنى ﻫەر يىلى 2-فېۋرالنى ‹‹ سۇغۇر بايرىمى ›› قىلىپ بېكىتكەن. بۇ كۈن قىش كېتىپ ئەتىياز كەلگەنلىكىنىڭ ئەڭ مۇﻫىم بەلگىسى ﻫېسابىدا كىشىلەر تەرىپىدىن تەبرىكلىنىدىكەن. بۇ كۈندە مەملىكەت مىقياسىدا ﻫەر خىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.