guide
‹‹ ئالۋاستى قول ›› بالا
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
770 قىتىم
 
    ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گىۋىنىيەدىكى 17 ياشلىق ئۆسمۈر مامادو تۇغما مېيىپ بولۇپ، بېلىكىنى تۈز قىلالمايدىكەن. خەلقئارالىق داۋالاش خەير-ساخاۋەت ئورنى يېقىندا ئۇنى ﻫەقسىز ئوپېراتسىيە بىلەن تەمىنلىگەن، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەﻫۋالى ياخشىلانغان.
    ئىگىلىنىشىچە، مامادو تۇغما مېيىپ بولۇپ، جەينىكى ۋە بېغىشى غەيرىي ئۆسۈپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ساۋاقداشلىرى ئۇنى ‹‹ ئالۋاستى قول ›› دەپ مازاق قىلىدىكەن. 15 ياش ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى ئۇنى 300 مىل ( تەخمىنەن 483 كىلومېتىر ) يىراقلىقىدىكى گىۋىنىيەنىڭ پايتەختى كوناكرىغا تىلەمچىلىك قىلىشقا ئاپىرىپ قويغان. مامادو بىر ئۆمۈر تىلەمچىلىك قىلىشنى خالىمىغان. كېيىن ئۇ خەلقئارالىق داۋالاش خەير-ساخاۋەت ئورنىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ ئوپېراتسىيە قىلدۈغان. 
    ئوپېراتسىيەدىن كېيىن مامادونىڭ سول بېلىكى ساقايغان، ئەمما ئوڭ بېلىكىنىڭ ئەﻫۋالى ئالاﻫىدە بولغاچقا ئوپېراتسىيە قىلىشقا بولمايدىكەن. مامادو : مەن ماڭا ياردەم قىلغانلارغا رەخمەت ئېيتىمەن، شۇلارنىڭ ياردىمىدا مەن باشقىلارغا قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنمەيدىغان بولدۇم، دېگەن.