guide
300 مىڭ دانە ئالتۇن پايراقچىسى چاپلانغان بۇتخانا
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
555 قىتىم
   شۇ يەر ۋاقتى 28-يانۋار خەۋەر قىلىنىشىچە ، ياپونىيەنىڭ توكيودىكى دوڭبېنيۈەن بۇتخانىسىنىڭ ئامىتابا سارىيىغا ئالتۇن بىلەن ﻫەل بېرىش قۇرۇلۇشى پات يېقىندا ئاياغلىشىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇتخانىنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىگە 300 مىڭ دانە ئالتۇن ياپراقچىسى ئىشىلتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە باشقا سارايلارمۇ بار ئىكەن ، پۈتۈن قۇرۇلۇشنى تاماملاشقا 20 مىليارد ( بىر مىليارد 16 مىليون خەلق پۇلىغا باراۋەر )  ياپونىيە يېنى مەبلەغ كەتكەن .
    ئىگىلىنىشىچە، دوڭبېنيۈەن بۇتخانىسى ياپونىيەنىڭ بۇددا دىنىدىكى مۇﻫىم ﻫەم ئەڭ چوڭ ئىبادەتخانا بولۇپ ، ئۇنىڭدىكى ئاساسلىق ساراي ئامىتابا سارىيى 1895-يىلى قايتا ياسالغان، 2012-يىلدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىنغان. ئامىتابا سارىيى رېمونت قىلىنغاندا ، قايتا ياسالغاندا چاپلانغان ئالتۇنلار ئېلىپ تاشلىنىپ ، سىرلانغاندىن كېيىن قايتىدىن يېڭى ئالتۇن چاپلانغان .