فىرانسىيەلىك رەسسام گاۋگۇئىننىڭ ماي بوياق رەسىمى 300مىليون دوللارغا سېتىلدى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 666 قىتىم
تاخىتى ( مۇﻫەببەت ئارىلى) دىكى ئىككى قىز ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ‹‹ سەن قاچان توي قىلىسەن›› ناملىق بۇ رەسىم 1892-يىلى سىزىلغان بولۇپ، ئەسلى شىۋېيتسارىيەلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى يىغىپ ساقلىغۇچى دۇدولف سىتاچېلىنغا مەنسۇپ ئىكەن. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان باسېل سەنئەت مۇزىيى رەسىمنى ئارىيەتكە ئېلىپ كۆرگەزمە قىلغان. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇدولف مۇزىي بىلەن بەزى بىر مەسىلىلەردە بىرلىككە كېلەلمەي بۇ رەسىمنى سېتىۋېتىشنى قارار قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەڭ يۇقىرى باﻫادا سېتىلغان سەنئەت ئەسەر فىرانسىيەلىك رەسسام پائول سېزاننېنىڭ رەسىمى بولۇپ، نېغىت بايلىقى مول بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قاتار دۆلىتىدىن بىرەيلەن 158 مىليون فوندستېرلىڭغا سېتېۋالغان.