يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا قايتتى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 10-02
- كۆرۈلۈشى:
- 5294 قىتىم
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ﻫەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلاپ ۋە ﻫال سوراپ بولغاندىن كېيىن، 1- ئۆكتەبىر بېيجىڭغا قايتتى.
مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى 25- سېنتەبىر شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مەملىكەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر مېﻬرىنى ئېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەﻫەرلەرگە بېرىپ، ﻫەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ﻫال سورىدى. مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بارغانلار يېرىدە ئەلرايىنى تەكشۈرۈپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ﻫەر قايسى مىللەت، ﻫەر ساﻫەدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
كۈز كۈنلىرىدىكى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ﻫاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇپ، ﻫاۋا ئىنتايىن ئوچۇق ئىدى. ﻫەر مىللەت ئامما چىرايلىق كىيىنىپ، شادىيانە ئۇسسۇل ئويناپ، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۇزىتىپ قويدى. «ۋەكىللەر ئۆمىكى خەير خوش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا تەشەككۈر» شىنجاڭ ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بولغان چەكسىز تەشەككۈرىنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، رەئىس يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر بىلەن خوشلىشىش ئالدىدىكى ﻫېسسىياتىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
يۈ جېڭشېڭ ئۇزاتقىلى كەلگەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ﻫەربىي رايون پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە، ﻫۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئاساسلىق رەﻫبەرلىرى بىلەن بىر- بىرلەپ قىزغىن قول ئېلىشىپ خوشلاشتى.
ئايروپىلان ئوت ئالدى، يۈ جېڭشېڭ ئايروپىلان بۆلمىسى ئىشىكىدە ئۇزاققىچە قولىنى پۇلاڭلىتىپ، ﻫەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما بىلەن خوشلاشتى.
شۆﻫرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، خەن يۇڭ، پېڭ يۇڭ، لى ۋېي قاتارلىق رەﻫبەرلەر بىرلىكتە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۇزىتىپ قويدى.
مەسئۇل مۇﻫەررىر : ئابلېلىم ئېزىز