جاڭ چۈنشيەن مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئالتە ﻫالقىلىق نۇقتىسىنى كۆرسىتىپ بەردى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 05-12
- كۆرۈلۈشى:
- 1909 قىتىم
ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 7 - قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى 8 - ماي ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇنداق ئالتە نۇقتىدىن سۆز قىلدى:
بىرىنچى، يېڭى ۋەزىيەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ نېگىزى ۋە يادروسى دەل مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ئالاﻫىدىلىك بويىچە ﻫەل قىلىشتەك توغرا يولدا چوقۇم تەرەنمەي مېڭىش، مىللەتلەر خىزمىتى بىلەن ئومۇمىي خىزمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى، مىللەتلەر خىزمىتى بىلەن دىن خىزمىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ماددىي كۈچ بىلەن مەنىۋى كۈچنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىل ئىجرا قىلىش، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە بايرىقى روشەن ﻫالدا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش لازىم.
ئىككىنچى، ﻫەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقە قىلىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تارىخىي قانۇنىيەت بويىچە ئېيتقاندا، مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى − مىللەتلەرنىڭ ئالاقە قىلىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنىڭ مەﻫسۇلىدۇر، بۇ بىر تەبىئىي تارىخىي جەريان. شۇڭا، ﻫەم مىللەتلەرنىڭ پەرقىنى نەزەرگە ئالماي، ئۇنى مەمۇرىي ۋاسىتە بىلەن مەجبۇرىي كېڭەيتىشكە، ﻫەم مىللەتلەرنىڭ ئورتاقلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، يېتەكلەشتىن ۋاز كېچىشكىمۇ بولمايدۇ. ﻫەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، ياشاش، خىزمەت قىلىش ۋە ئۆگىنىش مۇﻫىتىدا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ﻫېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ﻫەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرىگە كىچىكىدىن باشلاپلا بىللە ئويناش، بىللە ئوقۇش، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش شارائىتى يارىتىش، ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەر، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكتىكى ﻫەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئالاقىسىنى ماس ﻫالدا كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك.
ئۈچىنچى، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۇزاق مەزگىللىك ۋە نېگىزلىك مەسىلە − مەدەنىيەت تونۇشىنى كۈچەيتىش، بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىناقلىقىنىڭ روﻫى. ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ مىللەت، كۆپ دىن ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەت رايونى، مەدەنىيەتلەرنى تونۇش مەسىلىسىنى ياخشى ﻫەل قىلىش ناﻫايىتى مۇﻫىم ۋە ﻫالقىلىق ئىش. بۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان ئىچكى تونۇشنى كۈچەيتىش، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەت تاۋارلىرىنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىش كېرەك. «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ﻫۇجۇمغا ئۆتۈش ﻫالىتىنى ساقلاپ، راۋانلاشتۇرۇش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، «بەش ئاچقۇچ»نى ياخشى ئىشلىتىپ، توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق ئۇنى قىسىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۇنى توسۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئۇنى چەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.
تۆتىنچى، خەلق تۇرمۇشىغا ﻫەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، ﻫالقىما تەرەققىياتنى تېزلىتىش كېرەك. ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى مەركەز قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش ۋە نامراتلارنى يۆلەشنى ئالاﻫىدە چىڭ تۇتۇش كېرەك.
بەشىنچى، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش − شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ نامايەندىسى ۋە تەلىپى، ﻫەر قايسى مىللەتلەر بەﻫرىمەن بولىدىغان ﻫوقۇق ۋە ئەمەل قىلىدىغان مەجبۇرىيەتتە باراۋەر بولۇشنىڭ كاپالىتى، شۇنداقلا مىللەت ئامىللىرىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. مىللەت ئامىللىرىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا چېتىلىدىغان ﻫەق تەلەپ ۋە جىنايى ئىشلار مەسىلىلىرىنى ﻫەم ئادەتتىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى ئاددىي ﻫالدا مىللىي مەسىلە قاتارىغا كىرگۈزۈۋالماسلىق كېرەك. ئومۇمەن، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قايسى مىللەتكە، قايسى دىنغا چېتىلىشىدىن قەتئىينەزەر قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
ئالتىنچى، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەﻫبەرلىكىنى ﻫەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە مىللەتلەر سىياسىتىنى چۈشىنىدىغان - چۈشەنمەيدىغانلىقى، مىللەتلەر خىزمىتىنى ئىشلىيەلەيدىغان - ئىشلىيەلمەيدىغانلىقىنى قاتتىق ئۆلچەم قىلىپ، ئادەمنى ياخشى تاللاپ، ياخشى ئىشلىتىپ، سىياسىي جەﻫەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، پارتىيەگە سادىق، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئالالايدىغان، خەۋپ - خەتەرنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتەلەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇﻫەررىر : ئابلېلىم ئېزىز