3000 مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيى جەنۇبىي شىنجاڭ دېﻬقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغۇسى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 05-05
- كۆرۈلۈشى:
- 2244 قىتىم
دۇڭ شياۋخۇا
ئىسسىق شامالدا قۇرۇتۇش ئۆيى دېﻬقانلارنى تېز مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ﻫەم يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىدىغان مۇﻫىم تۈردۇر. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 1500 ئىسسىق شامالدا ئۆرۈك قۇرۇتۇش ئۆيى تۈرىنى يولغا قويۇپ، 20 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئۆرۈك قېقى قۇرۇتۇپ، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى 68 مىڭ ئادەم / قېتىم يۆتكەپ، كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم ﻫاسىل قىلدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتا ئىسسىق شامالدا مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيىدىن 3000نى يېڭىدىن سېلىپ، قۇرۇتۇش ئۆيى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭ دېﻬقانلىرىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى.
بۇ يىل سېلىنىدىغان ئىسسىق شامالدا مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيى بۇلتۇرقىدىن قانداق پەرقلىنىدۇ؟ مەبلەغ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؟ تۈرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك تەييارلىق خىزمىتى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ مۇخبىر يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىسسىق شامالدا مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيى ۋە توڭ ساقلاش ئامبىرى تۈرىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق دېﻬقانچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ گاڭنى زىيارەت قىلدى.
مۇخبىر: بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتا 3000 ئىسسىق شامالدا مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيى سېلىش تۈرى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا قايسى جەﻫەتلەردە پەرقلىنىدۇ؟
جۇ گاڭ: بۇ يىلقى تۈرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاﻫىدىلىكى شۇكى، قۇرۇتۇش ئۆيى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىككىنچى، ئۈچىنچى كەسىپلەر بىلەن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى سانائەتلەشتۈرۈش تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېﻬقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشنىڭ يېڭى يولى ئېچىلىدۇ.
بۇلتۇر ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 1500 قۇرۇتۇش ئۆيى سېلىنغان، بۇ يىل ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتا 3000 قۇرۇتۇش ئۆيى سېلىنىپ، قۇرۇتۇش ئۆيى تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلىدۇ.
بۇ يىل ئاپتونوم رايون ئىسسىق شامالدا ئۆرۈك قۇرۇتۇش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى ئىسسىق شامالدا مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، قۇرۇتۇش ئۆيىنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بەش قۇرۇتۇش ئۆيىگە يانداش ﻫالدا بىر توڭلىتىش ئىسكىلاتى سېلىش پىرىنسىپى بويىچە 50 توننىلىق بىرىكمە توڭ ساقلاش ئىسكىلاتىدىن 1000ى سېلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتىكى 27 ناﻫىيەدە يولغا قويۇلىدۇ. تۈر قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇرۇتۇش ئۆيى جەمئىي 4617گە، ئۆرۈك قۇرۇتۇش مىقدارى بىر تۈركۈمدە 14 مىڭ توننىغا، توڭ ساقلاش ئىسكىلاتى 1100غا، يېڭى ساقلاش مىقدارى 55 مىڭ توننىغا يېتىپ، كېيىنكى كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۇزارتىلىشىنى يېتەرلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
مۇخبىر: ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىلقى ئىسسىق شامالدا مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيى قۇرۇلۇشى تۈرىدە قانداق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى؟
جۇ گاڭ: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا نازارەت، ئىدارە، كومىتېت، ئىشخانا قاتارلىق 26 ئورۇندىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس تۈر رەﻫبەرلىك گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىندى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتىمۇ ماس ﻫالدىكى رەﻫبەرلىك گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلۇپ، خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. ۋىلايەت، ئوبلاست، ناﻫىيە، شەﻫەرلەر ئاپتونوم رايون تۈر ماسلاشتۇرۇش رەﻫبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تۈرلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش خىزمىتىنى تېزدىن قانات يايدۇردى، قەشقەر شەﻫىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېرىدار چاقىرىش خىزمىتىنى تاماملىدى. ئاقسۇ ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق ناﻫىيە، شەﻫەرلەردىمۇ خېرىدار چاقىرىش ۋەزىپىسى ئاساسىي جەﻫەتتىن تاماملاندى، تۈرلەر يولغا قويۇلغان ناﻫىيە، شەﻫەر، يېزىلاردىمۇ سەپەرۋەر قىلىش، تىزىملاش، پۇل تاپشۇرۇش، ئورۇن تاللاش خىزمەتلىرى قانات يايدۇرۇلدى، يېزا – بازارلارنىڭ مەسئۇللىرى نۇقتىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىدىكى يەر، سۇ، توك مەسىلىلىرىنى پائال ﻫەل قىلدى.
مۇخبىر: بۇ يىلقى ئىسسىق شامالدا مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيى تۈرىنىڭ مەبلەغ ئەﻫۋالى قانداق بولدى؟
جۇ گاڭ: بۇ تۈرگە ئاجرىتىلغان ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 360 مىليون يۈەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى تۈر قۇرۇلۇشى بويىچە تەقسىملەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈر يولغا قويۇلىدىغان ناﻫىيە، شەﻫەر مالىيەسىگە بىۋاسىتە چۈشۈرۈپ بەردى. 360 مىليون يۈەننىڭ 225 مىليون يۈەنى 3000 ئىسسىق شامالدا قۇرۇتۇش ئۆيى قۇرۇلۇشىغا، 130 مىليون يۈەنى 1000 ئىسكىلات قۇرۇلۇشىغا، 5 مىليون يۈەنى تەربىيەلەش خىراجىتىگە ئاجرىتىلدى، تەربىيەلەش خىراجىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ 30 ناﻫىيە، شەﻫىرىدىكى ﻫەر دەرىجىلىك خادىملاردىن 220 مىڭ ئادەم / قېتىمنى تەربىيەلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
مۇخبىر: ئىسسىق شامالدا مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ سان – سۈپىتىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؟
جۇ گاڭ: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئىسسىق شامالدا مېۋە – كۆكتات قۇرۇتۇش ئۆيى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈرنىڭ سان – سۈپىتىگە ﻫەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
بىرىنچى، تۈرگە خېرىدار چاقىرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، تۈر يولغا قويۇلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست ياكى ناﻫىيە، شەﻫەرلەردە تۈرگە خېرىدار چاقىرىش تۈزۈمى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تۈرنىڭ ئاشكارا، ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشىغا كۈچى زور، ئىناۋەت دەرىجىسى يۇقىرى، مۇلازىمىتى ياخشى، قۇرۇلۇش قىلىش سالاﻫىيىتىگە ئىگە كارخانىلار قاتناشتۇرۇلۇپ، سۈپەت ئۆتكىلى چىڭ تۇتۇلىدۇ.
ئىككىنچى، سۈپەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، تۈرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ﻫەر دەرىجىلىك تۈر ماسلاشتۇرۇش رەﻫبەرلىك گۇرۇپپىلىرى بىلەن دائىرە بويىچە ﻫۆددىگە ئالغانلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىدۇ، سۈپەت تەلىپىگە يەتمىگەنلىرى ۋاقتىدا تۈزىتىلىدۇ ﻫەم مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
ئۈچىنچى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، بىرى پۈتسە بىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، بىرى لاياقەتلىك بولسا بىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ، ئاخىرقى ئۆتكەلدە ئاپتونوم رايونلۇق تۈر ماسلاشتۇرۇش رەﻫبەرلىك گۇرۇپپىسى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالىدۇ، پۈتكەن تۈر قۇرۇلۇشىغا قارىتا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىمزاسى قويۇلۇپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا كاۋاك بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.