guide
ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك چارىلەر بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتمەكتە
يوللانغان ۋاقتى :
04-27
كۆرۈلۈشى:
1147 قىتىم
ئاپتونوم رايونىمىز شەﻫەر، يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا رەﻫبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئاچتى
   لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق شەﻫەر، يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا رەﻫبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 24 – ئاپرېل يىغىن ئېچىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇﻫىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆﻫرەت زاكىر يىغىندا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جايلار، تارماقلار ئۇنىۋېرسال سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېڭى نورمال ﻫالەت، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، بۇ يىللىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ﻫەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
   ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ يىل 1 – پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەﻫەر – بازارلاردا يېڭىدىن 117 مىڭ 200 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1300 كىشى كۆپ بولۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان، ۋەزىپىنىڭ %29ى ئورۇندالغان. بۇنىڭ ئىچىدە توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى كارخانىلىرىغا يېڭىدىن 110 مىڭ كىشى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ‹‹تېز ئۈنۈم بېرىدىغان›› تۈرلىرىدە 179 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان.
   يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق رەﻫبەرلىك گۇرۇپپىغا ئەزا ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەﻫۋاللىرىنى تونۇشتۇردى.
   شۆﻫرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇﻫىم ئۇل تېشى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ سىنتېشى. ﻫەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار يېڭى نورمال ﻫالەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن زور ۋە چوڭقۇر ئەﻫمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ﻫەرىكىتىنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ﻫەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالاﻫىدە ئەﻫمىيىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تولۇق تونۇپ، ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىرىنچى ۋەزىپە›› دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەﻫكەم تۇرغۇزۇپ، ﻫەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ﻫەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ﻫەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ بەختىيار، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.
  شۆﻫرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ﻫالىتى ۋە ﻫازىرقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا بولغان تەسىرىگە ئاساسەن، ﻫەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى بىر يۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىدىكى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنى تىرىشىپ بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك؛ ‹‹تېز ئۈنۈم بېرىدىغان›› تۈرلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، بۇ يىل تۈرلەرنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەﻫسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان جايدىلا دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاپ ئىشلەشنى نۇقتىلىق يۆلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەﻫەرلەرنى مۇﻫىم نۇقتا قىلىپ، تەشكىللىك ﻫالدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ﻫەل قىلىشقا يۈكسەك ئەﻫمىيەت بېرىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنداقلا تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كارخانىلارنىڭ يەرلىكتىكى كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى