چوڭ تىپتىكى تور تاشقى تەشۋىقات پائالىيىتى «شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى» پائالىيىتى باشلاندى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 04-10
- كۆرۈلۈشى:
- 1692 قىتىم

9-ئاپرېل «شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى» پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، تاماشىبىنلار تاختا كومپيۇتېردا ئىككىلىك كودنى سكاننېرلاش ئارقىلىق تور ﻫەرىكىتىگە ئاتلاندى
مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چوڭ تىپتىكى تور تاشقى تەشۋىقات پائالىيىتى −− «شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى» 9 - ئاپرېل سانجى شەﻫىرىدە باشلاندى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى يېتەكچىلىك قىلىشنى، شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى باشلامچىلىق قىلىشنى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەﻫەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈملىرى مەسئۇل بولۇشنى، شىنجاڭدىكى تاراتقۇلار ﻫەمكارلىشىشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىكى يەنە بىر مۇﻫىم پائالىيەت ﻫېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايون «ۋەتەنگە بېغىشلانغان 10 مىڭ ﻫېكايە»، «يەكەن دەرياسى سىزگە مۇنداق دەيدۇ: چاغاندا چىلان سوۋغا قىلسا قۇتلۇق بولىدۇ» قاتارلىق بىر قاتار تور مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەر جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن نەق مەيداندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ﻫەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشانىنى چۆرىدەپ، تورنى تەڭشەش ۋە جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىي قاتلامغا ماس كېلىدىغان يۈرۈشلۈك تور مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى پىلانلاپ، تەشكىللەپ ۋە ئۆتكۈزۈپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، روﻫنى ئۇرغۇتۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلىشى؛ تور ئىدىيەۋى مەدەنىيەت بازا قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ساغلام، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان تور مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىشى؛ ئىجتىمائىي كۈچلەرنى تور مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سەپەرۋەرلىك قىلغىلى بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
«شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى» پائالىيىتى 7 - ئايغىچە داۋاملىشىدۇ، ئاپتونوم رايوندىكى 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەﻫەرلەر سەﻫىپە ئاچىدۇ. «سانجى سەﻫىپىسى»دە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ تۇرمۇشى، ئۆگىنىشى ۋە خىزمىتى ئارقىلىق، ﻫەر قايسى دىنلارنىڭ ئۆزئارا ئىناقلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. «ئىلى سەﻫىپىسى»دە ئېچىۋېتىلگەن، ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئىلىلىقلار ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ؛ «قەشقەر سەﻫىپىسى»دە «بىر بەلباغ، بىر يول» دۆلەت ئىستراتېگىيەسىدىكى زور تارىخىي پۇرسەتتىكى قەشقەرلىكلەرنىڭ سەرخىل كۆرۈنۈشلىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ ... ئاددىي كىشىلەرنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، مىللەتلەرنىڭ خۇشاللىقى، غەزەپ - نەپرىتى، غەم - قايغۇسى ۋە خاتىرجەملىكى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ﻫەقىقىي تۇرمۇش ئەﻫۋالى نامايان قىلىنىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۈپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ تارقىتىلىدۇ.
«شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى» پائالىيىتىدە، logo يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئادەمگە تەقلىد قىلىنغان تاپان ئىزلىرى لايىﻬەلىنىپ، ئاپتونوم رايون بېسىپ ئۆتكەن 60 يىللىق مۇساپە ﻫەم يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىكى قەدەم ئىزلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ؛ تۆۋەندىكى e ﻫەم تورنى، ﻫەم 60 يىلدىن كېيىنكى شىنجاڭنىڭ ئۇچۇر دەۋرىگە يېقىندىن ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ بەش چېكىتكە ئولىمپىك تەنﻬەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى بەش ﻫالقىنىڭ رەڭگى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ دۇنيادىكى بەش چوڭ قىتئەگە ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
9 - ئاپرېل 2014 - يىللىق شىنجاڭ تور مەدەنىيەت بايرىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئورۇنلار تەقدىرلەندى.











http://uy.ts.cn/homepage/content/2015-04/10/content_413791.htm