ﻫەر بىر كۈن تەڭرنىڭ ئىلتىپاتى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-31
- كۆرۈلۈشى:
- 1045 قىتىم
ﻫەر بىر كۈن تەڭرنىڭ ئىلتىپاتى
ﻫەرقانداق نەرسىنى ﻫەرگىزمۇ مۇۋاپىق پەيتكە ئاتاپ ساقلىماڭ،سزنىڭ ﻫاياتلىقتىكى ﻫەر بىر كۈنىڭىز بىر پۇرسەت، قانداق بولۇشىدىن قەتئينەزەر تۇرمۇش دېگەن سەۋىر-تاقەت قىلىش ئەمەس، بەلكى بىر خىل ﻫوزۇر ئېلىش جەريانىدۇر.
سىڭلىمنىڭ يولدىشى ئۇنىڭ ئۈستىلىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى تارتمىسىنى ئېچىپ، قەغەزگە ئورالغان كىچىك بولاقچىدىن بىرنى ئالدى-دە :«بۇ بىر قەغەز پارچىسى ئەمەس،بەلكى بىر قىزلار ئىچ كىيمى»دېدى.ئۇ قەغەز بولاقلارنى ئېلىپ تاشلىۋىتىپ،ئۇنى ماڭا سۇندى.بۇ بىر قول بىلەن تىكىلگەن،نەپىس يىپەك بويۇمى بولۇپ،ئۆمۈچۈك تورىدەك گۈللۈك نەقىشلەنگەن ئىدى.كىيم ئۈستىگە ئادەمنى ﻫەيران قالدۇرغىدەك باﻫا قادالغانتى. بۇنى ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم نيۇيورىكقا بارغاندا سېتىۋالغان،كەم دېگەندىمۇ سەككىز-توققۇز يىل بولدى، ئۇ ئەسلا كىيىپ باقمىغان،ئىزچىل ئالاﻫىدە بىر سورۇننى ساقلىغان. مېنڭچە ﻫازىر ۋاقتى كەلدى دېدى-دە قولۇمدىكى ئىچ كىيمنى ئېلىپ باشقا كىيملەر بىلەن كارۋاتقا يېيېپ ئۇنى مېيىتنى ئۇزۇتۇش زالىغا ئاپىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئىچ كىيىملەرنى سىلاپ قويغاندىن كىيىن تارتمىنى گۈپپىدە ياپتى-دە بۇرۇلۇپلا ماڭا: «ئادەم ﻫەر قانداق نەرسىنى ئالاﻫىدە بىر كۈنگە ئاتاپ ساقلىماسلىق كېرەككەن، چۈنكى ئادەمنىڭ ﻫاياتلىقتىكى ﻫەر بىر كۈنى بىر پۇرسەتكەن» دېدى.
بۇ گەپلەر قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئورۇن ئالدى. مەن جىيەن قىزىم ـــ ئاتا-بالىنىڭ كۈتۈلمىگەن ﻫادسىدە قازا قىلغان سىڭلىمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ياردەملەشتىم.
سىڭلىم ئولتۇرغان ئوتتۇرا قىسمدىكى كىچىك بازاردىن كالفورنىيگە بارىدىغان ئايروپىلانغا چققاندىمۇ ، ئۇنىڭ ﻫېلىقى گەپلىرىنى ئەسلىدىم.مەن ئۇ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان،ئاڭلاپ باقمىغان،قىلىپمۇ باقمىغان ئىشلارنى، شۇنداقلا،ئۇنىڭ كەچۈرمىشىگە ئايلانغان بولسىمۇ، تېخى ئۇ ﻫېس قىلىپ يەتمىگەن ئاجايىپ ئىشلارنىمۇ ئويلىدىم.
ﻫازىرمۇ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاۋۋالقىدەكلا ئويلايمەن،ئۇ گەپلەر مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتتى.مەن نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئوقۇدۇم،مەن تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىمنى ئائىلدىكىلەرگە ۋە دوستلىرىمغا ﻫەمرا بولۇش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان،تېتېقسىز يىغىنلارغا قاتناشمايدىغان بولدۇم. قايسى ۋاقىت بولشىدىن قەتئىنەزەر تۇرمۇش دىگەن ﻫوزۇر ئېلىش جەريانى بولۇشى،ﻫەرگىزمۇ سەۋىر-تاقەت قىلىش بولماسلىقى كېرەك. مەن كۆز ئالدىمدىكى ﻫەر بىر پەيتنى قەدىرلەشنى تونۇپ يەتتىم.
مەن ﻫېچقانداق نەرسىنى ئەتىۋارلاپ ساقلىماي ،ﻫەر بىر ئىشلىرىمنى مەسلەن:بىر قاداق ئورۇقلىغان، توسلۇپ قالغان ئەۋرەز يولىنى راۋانلاشتۇرغان ، چاي گۈلى ئېچىلغان ...چاغلاردىكى كۈنلىرىمنى ئۆز ۋاقتىدا ئېسىل فار-فۇر بويۇمى ۋە ياكى خرۇستال بويۇمى بىلەن تەبرىكلەپ ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم،مەن ياقتۇرساملا چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ بازار ئايلاندىم.
نەزىرىمدە يېقشلىقلا بولسا ئىككلەنمەستىن 28-29 دوللارغا چەرچىن مال ئالدىغان بولدۇم،قممەتلىك ئەتىرلەرنى ئالاﻫىدە يىغلىشلاغا ئاتاپ ساقلىمىدىم،دۇكان خىزمەتچىسى بىلەن بانكا كاسسىرىنىڭ بۇرنىنىڭمۇ ئۇسۇلچى دوستۇمنىڭكى بىلەن ئوخشاشلىقىنى ﻫېس قىلدىم.
«ﻫامان بىر كۈنى» ۋە « مەلۇم بىر كۈنى» دېگەنلەر مەن ئۈچۈن بەرىبىر، ئەگەر مەلۇم بىر ئىش مەن ئۈچۈن كۆرۈشكە،ئاڭلاشقا،قىلشقا ئەرزىسىلا شۇئان ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.مەن ئەگەر سىڭلىم نەزىرىمىزدە چوقۇم كېلدۇ دەپ قارىغان ئەتىنىڭ ئۆزىگە نىسىپ بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا،ئۇنىڭ نىمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مېنىڭچە ئۇ ئائىلسدىكىلەرگە ۋە دوستلىرىغا تېلېفۇن ئۇرغان بولاتتى،بۇرۇنقى دوستلىرىغا تېلېفۇن قىلىپ يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلاردىن كەچۈرۈم سورىغان،مۇناسىۋەتنى ياخشىلىغان بولاتتى. ﻫەم سرتلارغا چىقىپ ئۆزى ياخشى كۆرگەن يىمەكلىكلەرنى يىگەن بولاتتى.
بۇ مېنىڭ ئويۇملا خالاس، شۇنداق بولامتى-يوق؟ بۇنىسى نامەلۇم.
ئەگەر ۋاقىتنىڭ قىسلىقىدىن ئىشلىرىمنى قىلىپ بولالمىسام ئاچچقلانغان ،ئىلاجسزلىقتىن دوستۇمنى يوقلاشنىمۇ « مەلۇم بىر كۈنى» گە كىچكتۈرگىنىمدىن قاينىغان، «ﻫامان بىر كۈنى»يازىمەن دىگەن سۆز جۈملىلەرنى يازالماي ئاچچىقلانغان، يولدىشم ۋە قىزىمنى شۇنداق ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى دېيەلمەي پۇشايمان قىلغان ۋە ئەپسۇسلانغان بولاتتىم.
مەن كېچىكتۈرۈشتىن، دەخلى قىلىشتىن ساقلىنىپ، تۇرمۇشىمىزنى شادلىق ۋە رەڭدارلققا ئىگە قىلالايدىغان نەرسىلەرنى ئامالنىڭ بارىچە ساقلاپ قالسام دەيمەن.
ﻫەر كۈنى ئەتىگەن كۆزۈمنى ئىچىپ ئۆز-ئۆزۈمگە :«بۇ ئالاﻫىدە بىر كۈن» دەيمەن.ﻫەر بىر كۈن،ﻫەر بىر مىنۇت،ﻫەر بىر تىنىق…لارنىڭ ﻫەممىسى تەڭرنىڭ بىزگە قىلغان ئىلتىپاتى.
«پەلسەپىۋىلىككە باي نادىر ئەسەرلەر» (最富哲理的美文) ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئامىر ياسىن (يېڭىسار ناﻫىيە چولپان يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى)
ئالاقلىشىش تېلېفون نۇمۇرى: 15894009050