مەن دادامغا ﻫەمراﻫ بولۇپ ئايرۇپىلانغا ئولتۇردۇم
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-16
- كۆرۈلۈشى:
- 1842 قىتىم
لى شاۋ
مۇﻫەممەد تۇراپ تەرجىمىسى
ئون يىلنىڭ ئالدىدا يۇرتىمىزنىڭ تاغ چوققىسىدا بىر ئايرۇدۇروم ياسالدى. ئاشۇ يىلى دادام 66 ياشتا ئىدى.
ئايرۇدۇرۇمدا ئۇچۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئايرۇپىلانلار يۇرتىمىزنىڭ ﻫاۋا بوشلۇقىدىن يەرگە قونۇشقا باشلىغاندا چىقارغان گۆكۈرىگەن ئاۋازلار كىشىلەرگە ئايرۇپىلان گويا ئۆگزىلەردىن سىيپاپ ئۆتۈۋاتقاندەك تۇيغۇ بەرگەنلىكتىن، يۇرتداشلار ئەنسىزلىك ﻫېس قىلىشقا باشلىدى ئىدى.
يۇرتىمىزدىكى جاۋ چوڭام كېچىسى ﻫەمىشە دەككە-دۈككىدە ئۇخلايتتى، ئۇ ئايرۇپىلانلارنىڭ ئېﻬتىياتسىزلىقتىن ئۆگزىگە چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپلا يۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ كۆرۈپ بېقىش ۋە گۇاڭجۇغا بېرىپ، ئاشۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوغلىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلاندى.
جاۋ چوڭام قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئالاﻫىتەن دادامنى ئىزدەپ كېلىپ، ماختانغان تەلەپپۇزدا مۇنداق دېدى:
ــ لاۋلى، ئايرۇپىلان ﻫەقىقەتەن بەك ياخشى ئىكەن، ﻫەم تېز ئۇچىدىكەن، ﻫەم ئازادە ئىكەن.
دادام ئۇنىڭدىن:
ــ ئايرۇپىلان سىلىقمىكەن، ـــ دەپ سورىدى.
جاۋ چوڭام قاقاﻫلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
ــ لاۋلى سىز نېمىدېگەن دۆت، ئايرۇپىلانغا ئولتۇرسىڭىز خۇددى ئۆيىڭىزدىكى دىۋاندا ئولتۇرغاندەك شۇنداق سىلىق ﻫېس قىلىسىز.
بىر قېتىم ئۆيگە قايتقىنىمدا ئاپام مېنى تام تۈۋىگە تارتىپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا مۇنداق دېدى:
ـــ داداڭ دائىم ئايرۇدۇرۇمغا ئايرۇپىلانلارنى كۆرگىلى بېرىپ، خۇددى كىچىك بالىدەك خۇش بولۇپ كېتىدۇ.
ئاپامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمدە خىجىل بولدۇم، مەن نېمىشقا دادامنى ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغۇزۇشنى ئويلىمىغاندىمەن؟ مەن شەﻫەردە تىجارەت قىلىدىغان بىر دوستۇمنىڭ پۇل تاپقاندا چوقۇم دادامنى ئېلىپ ﻫەر قايسى جايلارنى ساياﻫەت قىلدۇرىمەن، دەپ ئاغزىدىن چۈشۈرمەي دەيدىغان سۆزى ئېسىمگە كەچتى. دوستۇمنىڭ ئانىسى بالدۇرلا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكتىن، ئۆزى مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر دادىسىغا بالىلىق مېﻬرىنى يەتكۈزۈشنى ئويلايتتى. شۇنداق قىلىپ دوستۇم دادىسىغا جۇڭگو خەرىتىسىنى ئېلىپ بېرىپتۇ، بەزىدە ئۆيگە قايتقاندا، ئۇ قېرىنداش بىلەن دادىسىغا بۇنىڭدىن كېيىن بارماقچى بولغان يەرلەرگە چەمبەر سىزىپ بېرىپ، خەرىتە مىجىر-مىجىر بولۇپ كەتكەن ئىكەن.
تۇيۇقسىز بىر كۈنى ئۇ قوشنىسىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە دادىسىنىڭ مۇزدەك سوۋۇپ كەتكەن تېنىنى كۆرۈپتۇ. ئەسلىدە دادىسىنىڭ مېڭىگە قان قويۇلۇش كېسىلى قوزغىلىپ قالغانلىقتىن، دادىسى ئۇنى تاشلاپ كەتكەن بولۇپ، دادىسىنىڭ يېنىغا دادىسىنىڭ قولىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتكەن خەرىتە قويۇلغان ئىدى. دوستۇم دادىسىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىغىنىچە: ‹‹ئۇ ماڭا يۈك-تاق قېنى، قاچانغىچە ساقلايمىز دەيتتى››، دېدى.
دادامنىڭ 80 ياشقا كىرىش ﻫارپىسىدا مەن ئىدارىدىن رۇخسەت سوراپ دادامنى ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغۇزۇپ بېيجىڭغا ئاپارماقچى بولدۇم. دادام تيەنئەنمېنگە بېرىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق مەن ئايرۇدورومنىڭ بېلەت سېتىش ئورنىغا بارماي تۇرۇپلا دادام تېلېفۇن بېرىپتۇ، ئۇ تېلېفۇندا: ‹‹بارمايمەن، بارمايمەن، ئۆيدە بېقىۋاتقان توخۇلارغا ۋابا كېسىلى يۇقۇشتىن ئەنسىرەيمەن، ﻫازىر تۇرمۇشۇم يامان ئەمەس››، دېدى. مەن تېلېفوندا شۇنچە نەسىﻬەت قىلغان بولساممۇ، بىراق دادام قارارىنى ئۆزگەرتكىلى ئۇنىمىدى. ‹‹ئاپام بولغان بولسا قانچە خۇشال بولۇپ كەتكەن بولاتتى-ﻫە، سىزنىڭ باققىنىڭىز پەقەت بىر قانچە توخۇغۇ شۇ، بوغۇزلىۋەتسە بولمىدىمۇ››، دېدىم. بىراق دادامنىڭ مىجەزى خۇددى سۆرىگىلى بولمايدىغان بىر ئۆكۈزگە ئوخشاپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن دادام ئۇ قېتىم بارماي يۇرتىمىزدىكى ئۆيىمىزنىڭ ئۆگزىسىدىن گۈركىرەپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئايرۇپىلانلارغا قاراپ قالدى.
كېيىن، دادامنىڭ توي قىلغىنىغا 45 يىل بولغاندا، مەن ئۇلارنى ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغۇزۇپ بېيجىڭغا ئاپىرىشقا تەييارلىق قىلغان بولساممۇ، بىراق سىڭلىمنىڭ بالىلىرىنىڭ يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئىمتىﻬانىغا توغرا كېلىپ قېلىپ، دادام بېرىشتىن باش تارتتى. ئۇ قولىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹پۇرسەت چىقىدۇ، پۇرسەت چىقىدۇ.›› مەن ئۆيگە قايتىپ دادامنىڭ تاش ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، كۆزىنى قىسىپ تۇرۇپ تاغ باغرىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئايرۇپىلانلارغا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
بۇ يىل ئەتىيازدا مەن بېيجىڭغا بېرىپ قەلەمكەشلەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بولدۇم، يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ئايرۇپىلاننىڭ بېرىش-كېلىش بېلىتىنى ئاتچوت قىلپ بېرىدىغان بوپتۇ. مەن ئايالىم بىلەن دادامغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىدىم. ئايالىم دادامنى گوللاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹دادا ئايرۇپىلان بېلىتىنىڭ باﻫاسى ئۆسۈپ كېتىدۇ دەيدۇ، سىز يەنە بارمامسىز؟ بېلەت باﻫاسى ئۆسكەندىن كېيىن بارامسىز؟››. دادام ئاخىرى: ‹‹مەن باراي، مەن بۇ قېتىم باراي››، دەپ باش لىڭشىتتى.
بىر نەۋرە ئىنىم دادام بىلەن ئىككىمىزنى ئاپتوموبىلىدا ئايرۇپورتقا ئاپىرىپ قويدى. بىخەتەرلىكنى تەكشۈرىدىغاندا دادام توساتتىن بىزنىڭ ئالدىمىزدىلا ئاپامنى چىڭ قۇچاقلاپ كەتتى. ئاپام سەل ئىزا تارتقان بولسىمۇ، بىراق نەۋرە ئىنىم بىر چەتتە تۇرۇپ: ‹‹چوڭ دادا سىز بۇنى قايسى تېلىۋىزىيە تىياتىرىدىن ئۆگنىۋالدىڭىز؟›› دەپ چاقچاق قىلدى. دادام باش چايقىغىنىچە: ‹‹ئايرۇپىلانغا ئولتۇرىمەن ئەمەسمۇ، مۇشۇنداق قىلىشقا تېگىشلىك›› دېدى.
ئايرۇپىلاندا مەن دادامنىڭ بىخەتەرلىك بەلبېغىنى تاقاپ قويدۇم، ئۇ بەئەينى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىدەك ناﻫايىتى رەتلىك ئولتۇراتتى، چىرايىدىن ﻫاياجانلىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى ﻫەمدە بىلىنەر-بىلىنمەس ﻫودۇققاندەك تۇراتتى. مەن دادامغا ئايرۇپىلان دەرىزىسىدىن ﻫاۋا بوشلۇقىدىكى تۈرلۈك بۇلۇتلارنى كۆرسەتكىنىمدە، دادام ﻫەيران قالغانلىقتىن ئاغزىنى يوغان ئېچىپلا قالدى. ئايرۇپىلان بۇلۇت قاتلىمىنىڭ ﻫاۋا ئېقىمى ئىچىدە يەڭگىل سىلكىنگەندە دادام بىردىنلا مەيدەمگە يۆلىنىۋالدى. ئاشۇ دەقىقىدە مەن ﻫېچنىمىنى ئاڭقىرالماي قالغاندەك تۇيغۇدا بولساممۇ، بىراق مەن دادامنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىزلا قوغداشقا مۇﻫتاج بولۇۋاتقان بىر بالىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىمنى ﻫېس قىلدىم.
ئەگەر بىر ئادەمنىڭ 30 ياشتىن بۇرۇنقى قامىتىنى ئاتا-ئانا بېرىدۇ دېيىلسە، ئۇ ﻫالدا ئۇنىڭ 60 ياشتىن كېيىنكى قامىتىنى پەرزەنتلەر بېرىدۇ. شۇڭا تۇرمۇش ﻫەر قانچە ئالدىراش بولسىمۇ، ئاتا-ئانىغا مېﻬىر-مۇﻫەببەت يەتكۈزۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. بىلىشىڭىز كېرەككى، ئۇلارمۇ سىزنىڭ ئوغلىڭىزغا ئوخشاش، بەزىدە ئىككى قولىڭىز بىلەن مېﻬرىبانلارچە ئاسرىشىڭىزغا مۇﻫتاج بولۇپ قالىدۇ.
‹‹ﻫاياتلىق ۋاقىت گېزىتى››نىڭ 2013-يىل 28-مايدىكى سانىنىڭ 23–بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمان: توقسۇ ناﻫىيەلىك خەلق بانكىسىدا