guide
تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇ
يوللانغان ۋاقتى :
03-16
كۆرۈلۈشى:
1187 قىتىم
    بىرەيلەن بىر خالتا پىياز ئوغۇرلاپ قويغاچقا قازى ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپتۇ .
   قازى جازالاشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئۇ كىشىنىڭ خالىغان بىرىنى تاللىۋېلىشىنى بۇيرۇپتۇ .
   بىرىنچى ، نەق مەيداندا بىر خالتا پىياز يېيىش ؛ ئىككىنچى ، يۈز قامچا يېيىش ؛ ئۈچۈنچى جەرىمانە تۆلەش .
   پىياز ئوغرىسى بىر خالتا پىياز يېيىشنى ئاسان چاغلاپ ، بىرىنچى جازالاش ئۇسۇلىنى تاللاپتۇ . ئەمما بىر نەچچە تال پىيازنى يەپلا ئۇنىڭ ئېغىزلىرى كۆيۈپ ، كۆزلىرى ئېچىشىپ ، بۇرنىدىن سۇ ئېقىشقا باشلاپتۇ .
  -ئەمدى بىر تال پىيازنىمۇ يېيەلمىگۈدەكمەن ، بولدى مېنى 100 قامچا ئۇرۇڭلار، -دەپتۇ .
    بىراق ئون نەچچە قامچا بەدىنىگە تېگىشى بىلەن ، ئۇ چىدىيالمايلا قاپتۇ ۋە قامچىدىن قېچىپ يەردە دۇمىلاشقا باشلاپتۇ ۋە يىغلاپ تۇرۇپ :
   -بولدى ، ئەمدى ئۇرماڭلار ، مەن جەرىمانە تۆلەشكە رازى ، -دەپتۇ .
    ئۇ ئەسلىدە بىرلا جازانى قوبۇل قىلسا بولاتتى ، ئەمما ئۈچ خىل جازانىڭ ﻫەممىسىنى تېتىپ چىققاچقا ئۇنىڭ بۇ ئىشى پۈتۈن شەﻫەرگە پۇر كېتىپ ، كىشىلەرنىڭ كۈلكە دەستىكى بولۇپ قاپتۇ .
   ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتا بىزمۇ ئۆز ئىقتىدارىمىزنى دەڭسەپ بولالماي ، پىياز ئوغرىسىغا ئوخشاش ئىشلارنى سادىر قىلىپ، ئورۇنسىز جاپا تارتىۋالىمىز .
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى