كۈنلۈك
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-16
- كۆرۈلۈشى:
- 2014 قىتىم
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم كۈنلۈكنى يوقىتىپ قويىمىز. ﻫاۋا ئوچۇق ۋاقىتتا ﻫەتتا ئۇنداق نەرسىنىڭ بىزدە بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىمىز، پەقەت ئاپتاپ كۆزىمىزنى چېقىپ، يامغۇر ئۈستبېشىمىزنى ﻫۆل قىلغاندىلا ئۇنى قولىمىزدا مەﻫكەم تۇتۇۋالىمىز. يامغۇر توختىغاندا ئۇنى يەنە ئۇنتۇپ قالىمىز.
بىر كۈنى ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان ﻫەم ئۇزۇن يىل ئىشلەتكەن كۈنلۈكۈم تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى، شۇ چاغدا بىرنەچچە كۈنگىچە ئۆزۈمنىڭ بىخەستەلىكىنى ئەيىبلىدىم.
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئىشخانامنىڭ بىر بۇلۇڭىغا يۆلەپ قويۇلغان كۈنلۈكنى بايقاپ قالدىم. يىتۈپ كەتكەن كۈنلۈكۈمنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتىم. كۈنلۈكۈمنىڭ ياغاچ سېپىنىڭ بەكمۇ كونىراپ كەتكەنلىكىنى، سايىۋېنىنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆڭۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم، مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭغا بۇنداق تەپسىلىي زەڭ سېلىپ باقماپتىمەن. پەقەت ﻫاجىتىم چۈشكەندىلا ئۇنى مەﻫكەم تۇتۇپ يۈرۈپتىمەن.
ئەمەلىيەتتە، ئەتراپىمىزدا بىزنى ئىزچىل قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان كىشىلەر بار، ئۇلار ﻫەققانىيەت يولىدىن قايتماي، خۇددى ئاشۇ كۈنلۈكتەك بىزنى قار – يامغۇردىن دالدىغا ئېلىپ تۇرىدۇ. بىز ئاشۇ كۈنلۈك ئاستىدىكى كەڭ قورساقلىققا، غەمخورلۇققا كۆنۈپ قېلىپ، ئۇلارنى ئۆزلۈكىدىن بولۇۋاتقان ئىشلار دەپ قارايمىز – دە، شۇ كۈنلۈكنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئېتىبارسىز قاراپ قالىمىز.
قۇياش نۇر چېچىپ تۇرغان قار – يامغۇرسىز كۈنلەردە، ئۆزىڭىزنى يامغۇر – بوراندىن دالدا قىلىپ تۇرغان كۈنلۈكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېسىڭىزگە ئالالامسىز؟
ئادىل غوجالىم تەرجىمىسى