كىشلىك ﻫاياتتىكى ئەڭ خۇشال ۋاقىت
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-13
- كۆرۈلۈشى:
- 912 قىتىم
كىشلىك ﻫاياتتىكى ئەڭ خۇشال ۋاقىت
بەخت سەپەر دېمەكتۇر،شۇڭلاشقا ﻫەر بىر دەقىقىڭىزنى قەدىرلەڭ،سىز بىلەن شۇ مەزگىللەرنى بىللە ئۆتكۈزگەن يېقىن كىشىلىرىڭىزنى تېخىمۇ قەدىرلەڭ.ئېسڭىزدە بولسۇن، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ.
ئۆزىمىزگە «تۇرمۇش-توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىن تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ» دەپ تەسەللى بېرىمىز، ئەمما بالا كىچىك چىغىدا ئەندىشە قىلىمىز، ئۇلار چوڭ بولغاندىن كىيىنلا خاتىرجەم بولغاندەك ﻫېس قىلىمىز.
كىيىنچە بالىمىزنىڭ 10 نەچچە ياش مەزگىلدىكى قلىقلىرى بىزنى ئامالسىز قالدۇرسىمۇ،لىكىن بۇ مەزگىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن ئۆزىمىزنى يەنىلا ناﻫايىتى بەخىت ﻫېس قىلىمىز.بىز ئۆز-ئۆزىمىزگە ئاشىقىم باشتىن-ئاخىر بىزنى قوللىسا،چىرايلىق ماشىنىغا ئېرىشىپ بىر قېتىملىق كۆڭۈللۈك سەپەرگە چىقالىساق ياكى پىنسيگە چىققاندىن كىيىنكى تۇرمۇشمىزنى مۇكەممەل دەپ ئىيتالايمىز.
ئەمەلىيەتتە ئادەمنى «ﻫازىر» دىنمۇ بەكرەك بەختلىك قىلالايدىغان ۋاقىت بولمايدۇ. ئەگەر «ﻫازىر» بولمىسا يەنە قاچان بولاتتى! ئەڭ ياخشىسى كىشلىك تۇرمۇشنىڭ خىرىسقا تولغانلىقىدەك ﻫەقىقەتنى قوبول قىلشىمىز ﻫەمدە قانداق بولشىدىن قەتئىنەزەر خۇشال-خۇرام ياشىشىمىز لازىم.
بەخىت سەپەر دېمەكتۇر.شۇڭا ﻫەر بىر دەقىقىڭىزنى قەدىرلەڭ، سىز بىلەن بۇ مەزگىلنى بىرگە ئۆتكۈزگەن يېقىن كىشلىرىڭىزنى تېخىمۇ قەدىرلەڭ،ئېسىڭىزدە بولسۇن ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ.كىشلىك ﻫاياتتا «ﻫازىر» دىنمۇ خۇشالراق ۋاقىت بولمايدۇ، شۇڭا ﻫەرگىز ساقلىماڭ.
بەخىت مەنزىل ئەمەس،بەلكى مۇساپىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن بېرىلىپ ئىشلەپ،باشقىلارغا پۇل ئۈچۈنلا ئىشلىمەيدىغانلىقىڭىزنى ﻫېس قىلدۇرۇڭ! ﻫەممىنى چىن دىلىڭىزدىن سۆيۈپ، باشقىلارغا ﻫېچكىمدىن رەنجىمىگەنلىكىڭىزنى ﻫېس قىلدۇرۇڭ! ئەتراپىڭىزدا ﻫېچكىم يوقتەكلا پۈتۈن ئىشقىڭىز بىلەن خۇشال ئويناڭ!
«پەلسەپىۋىلىككە باي نادىر ئەسەرلەر» (最富哲理的美文) ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئامىر ياسىن (يېڭىسار ناﻫىيە چولپان يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى)
كىملىك نۇمۇرى:
ئالاقلىشىش تېلېفون نۇمۇرى: 15894009050
پوچتا نۇمۇرى: 844504