قەلىب ئشىىكى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 01-19
- كۆرۈلۈشى:
- 1132 قىتىم
(ﻫېكايە)
جون.ساينت (ئامېرىكا)
بىر ئادەم ﻫەر ئاخشىمى ئوخشاش بىر چۈشنى كۆرىدىكەن، چۈشىدە ئۆزىنىڭ ئۇزۇن كارىدوردا كېتىۋاتقانلىقىنى، كارىدورنىڭ ئايىقىغا بارغاندا ئىشىك پەيدا بولىدىغانلىقىنى، ئىشىكنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ئىشىكنى ئاچالمايدىغانلىقىنى كۆرىدىكەن. بۇ چۈشنى كۆرۈش 20 يىل داۋاملىشىپتۇ. ئۇ پىسخىكا دوختۇرىنى ئىزدەپ داۋالىنىپتۇ، ئەمما ياخشىلانماپتۇ. كېيىن بىر مۇناخنى ئىزدەپ، شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۆزىنى قىيناپ كەلگەن چۈشىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
مۇناخ بىر پەس ئويلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا: ‹‹سەن نېمىشقا ئىشىكىنى ئېچىپ كۆرۈپ باقمىدىڭ؟ ئېچىپ باققان بولساڭ ﻫېچبولمىغاندا پەقەت ئۆلۈپلا قۇتۇلاتتىڭغۇ!›› دەپتۇ. بۇ ئادەم ئويلا – ئويلا ئۇنىڭ دېگىنىنىڭمۇ ئاساسى بارلىقىنى ﻫېس قىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنى ئاخشىمى چۈشىدە غەيرەتكە كېلىپ ئۇ ئىشىكنى ئېچىپتۇ...
ئىككىنچى كۈنى ئۇ يەنە مۇناخنى ئىزدەپتۇ.
− ئىشىكنى ئاچتىڭمۇ؟ دەپ سوراپتۇ مۇناخ.
− شۇنداق، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇ.
− ئىشىكنىڭ ئارقىسىدا نېمە بار ئىكەن؟
− ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن كۆز ئالدىمدا بىپايان كەتكەن ياپيېشىل ئوتلاق، پارلاپ تۇرغان قۇياش، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كېپىنەكلەرنى كۆردۈم.
ﻫاياتلىقتا كۆپلىگەن دىلخەستىلىكلەر بولغانلىقى ئۈچۈنلا، كىشىلەر ئۆزىنىڭ قەلب ئىشىكىنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەگەر سىز كەسكىنلىك بىلەن سىناپ باقسىڭىز، ئاشۇ سەۋەبسىز دىلخەستىلىكنى يىراقلارغا تاشلىۋىتەلەيسىز، شۇ چاغدىلا تۇرمۇشىڭىزدىكى خۇشاللىق ۋە بەختنى ﻫېس قىلالايسىز.
پەرىزات پولات تەرجىمىسى