guide
يوقال بۇزۇق، مىنىڭ ئايالىم بار
يوللانغان ۋاقتى :
11-13
كۆرۈلۈشى:
979 قىتىم

ئەر ﻫازاق ئىچىپ ئېغىر مەس بولۇپ ئۆيگە قاتىپ كەپتۇ ،ئەتىسى ئۇيقىسىدىن يىشىلىپ قارىسا ئۆيلەر رەتلىك تۇرغانلىقىنى ، يەنە ئۇستەل ئۈستىدە ئايالى خەت يېزىپ قالدۇرغان بىر  ۋاراقچە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ . ئايالى مۇنۇلارنى قالدۇرغان ئىكەن :
ـــــ ئاخشام ﻫاراق ئىچىپ بەك مەس بوپ كېتىپسىز ، ناشتىلىق تەييارلاپ قويدۇم،كىيىملىرىڭىزنى يۇيۇپ قويدۇم ،بۇنىڭدىن كىيىن ﻫاراق ئىچمەڭ ــــــ ئايالىڭىزدىن .
   ئەر ﻫەر قېتىم ئۆيگە مەس پېتى قايتىپ كەلسە ئايالى دائىم ئۇنىڭ بىلەن جىدەل قىلاتتى ، بىراق بۈگۈنكى ئەﻫۋال ئەرگە غەلتىلىك بىلىندى . ئەر ئوغۇلىنى چاقىرىپ سوراپتۇ :
ـــــ مەن تۈنۈگۈن نىمە بولدۇم ؟
ئوغلى جاۋابەن :
ـــــ ﻫېچنىمە ، سەن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئاپام سىنى تىللاپ كەتتى ، ئاندىن سەن تۇربىدىن ئازراق سۇ ئىچىۋالغاندىن كىيىن ، ئاپام سىنىڭ كىيىملىرىڭنى يىشىندۈرمەكچى بولدى .
ئەر ﻫاڭۋېقىپ تۇرۇپ ئوغۇلىدىن سورىدى :
ــــــ ئاندىن مەن نىمە دىدىم ؟
ئوغۇلى جاۋابەن :
ـــــــ سەن بىرمۇنچە گەپ قىلدىڭى ، ﻫەممىسى تاققا تۇققا گەپلە ، ﻫېچنىمىنى چۈشىنەلمىدىم.
ﻫە راس ، ئىشتىنىڭ بەك مەينەت بوپ كېتىپتىكەن ، ئاپام ئىشتىنىڭنى سالدۇرۇشقا تەمشەلگەن چاغدا ئاپامنى ‹‹يوقال بۇزۇق، مىنىڭ ئايالىم بار ›› دەپ تىللىدىڭ . شۇنىڭ بىلەن ئاپام سىنى تىللاشتىن توختىدى