guide
ئىككى مەلىكە ( بالىلار ﻫىكايىسى )
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
996 قىتىم
                                   ئىككى مەلىكە
(بالىلار ﻫىكايىسى )


بۇ كۈنى قاراڭغۇ ﻫەم يامغۇرلۇق كۈن بولۇپ ، باربىي كارۋىتىدا كىتاپ ئوقۇۋاتىدۇ ، كېللىي بىلەن سىتەيسىي يۈگۈرۈپ كىرىپ كىلىدۇ.
- بىزگە ﻫىكايە ئىيتىپ بىرىڭە باربىي - دەيدۇ سىتەيتىس .
-باربىي ئەتراپقا قاراپ بىر بۆجەننى كۆرىدۇ دە - كېللىي ۋە سىتەيسىي ئىسىملىك مەلىكە بار ئىكەن -دەپ ﻫىكايىسىنى باشلايدۇ .
- بىر كۈنى مەلىكىلەر ئورمانلىققا دالا تامىقى يىيىش ئۈچۈن بارىدۇ ، تۇيۇقسىز يامغۇر يىغىشقا باشلايدۇ ، مەلىكىلەر سىۋەتلىرىنى ئىلىشىپ چوڭ دەرەخلەرنىڭ ئاستىغا مۈكىۋالىدۇ . يامغۇر توختايدۇ ، شۇ ئارىدا بۆجەن پەيدا بولۇپ - مىنىڭ بارىدىغان يىرىم يوق، مىنىڭ ئۆيۈم يامغۇر سۈيى بىلەن توشۇپ كەتتى - دەيدۇ ، بىردەمدىن كىيىن بىر قۇش ئۇچۇپ چۈشىدۇ دە :
- بەك قاتتىق يامغۇر يىغىپ كەتتى ، مىنىڭ ئۇۋام بۇزۇلۇپ پەسكە چۈشۈپ كەتتى - دەيدۇ .
ئىككى مەلىكە بۇ يىڭى دوسلىرىغا ياردەم قىلماقچى بولىدۇ دە ئۇلارنى ئىلىپ دۆڭلۈككە چىقىدۇ ، ئۇلار بۆجەن ئۈچۈن چىرايلىق بىر ئۇۋا ياسايدۇ . بانىي رەﻫمەت ئىيتىدۇ .
ئاندىن ﻫەممىسى يوپۇرماق ۋە كىچىك دەرەخ شاخلىرىنى يىغىپ قۇشقا چىرايلىق بىر ئۇۋا ياساپ بىرىدۇ . كېللىي ۋە سىتەيسىي ئۆزىنىڭ بۇ قىتىمقى بۆجەن ۋە قۇشقاچ بىلەن قىلغان دالا تامىقىدىن ناﻫايىتى خوش بولىدۇ .
- ﻫىكايە تۈگىدى - دەيدۇ باربىي . بالىلار ئەتراپقا قارايدۇ ، يامغۇرمۇ توختايدۇ .
-ﻫىكايىڭىزنى ياقتۇردۇق - دەيدۇ كىللىي .

تۆۋەندىكىسى ﻫىكايىنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسقىسى سىلىشتۇرۇپ بىللە ئوقۇڭ .
                                           Two princesses
 
It is a dark and rainy night. Barbie is reading in her bed. Kelly and Stacie run in.
 "Tell us a story, Barbie," says Stacie.

  Barbie looks around. She sees a bunny. "There are two princesses named Kelly and Stacie…" Barbie begins.
  One day, the princesses go to have a picnic in the forest. Suddenly (突然) it begins to rain!The princesses take their basket and hide inside a big tree.
  The rain stops. A bunny hops by. "I have nowhere to go. (我无处可去) My house has too much rain water," says Bunny.
  Just then a bird flies down. "It rained so hard," he says. "My nest fell (跌落)out of the tree."
  The two princesses will help their friends. Everyone goes up the hill. Stacie and Kelly dig a nice new hole (挖了新的树洞) for Bunny. "Thank you," says Bunny.
  Everyone finds twigs (小树枝) and leaves. They build a new nest for Bird. "Thank you," says Bird.
  Kelly and Stacie share their picnic with Bird and Bunny.
  "The end," says Barbie. Kelly and Stacie look up. The rain stops. "We like your story!" says Kelly.





يىڭى سۆزلەر -bunny : بۆجەن ، princess : مەلىكە ، picnic : دالا تامىقى ، nest : ئۇۋا 

                                                                 تۈلكە بىلەن يولۋاس
بىر مەرگەن ئورمانلىقتا ئوۋ ئوۋلايدىكەن ﻫەمدە ئۆزىنىڭ يا ئوقى ئارقىلىق نۇرغۇن ياۋايى ﻫايۋانلانى ئۆلتۈرۈپ ئوۋلىيلايدىكەن. ئۇنىڭ بۇ ﻫەركىتى قالغان ﻫايۋانلانىمۇ ناﻫايىتى قورقىتىۋەتكەنلىكتىن ئۇلار ئوت -چۆپ چاتقاللىق ئارىسىغا يوشۇرنىۋاپتۇ .ئەڭ ئاخىرىدا بولسا يولۋاس چىقىپتۇ دە ناﻫايىتى باتۇر، قورىقماس قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ ﻫەمدە باشقا ﻫايۋالارغا : بولدى ئەمدى ﻫىچنىمىدىن ئەنسىرىمەڭلار ! - دەپتۇ .
يولۋاس ئۆزىنىڭ جاسارىتىگە تايىنىپ دۈشمەنگە ئۆزىلا ﻫۇجۇم قىلماقچى بوپتۇ ، ئۇ تىرناقلىرىنى يەرگە سۈركەپ ،قۇيرۇقلىرىنى شىپپاڭلىتىپ ئالدىغا قاراپ مىڭىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئوۋچى كىلىپ يا ئوقى بىلەن ئۇنىڭ قوۋۇرغا سۆڭىكىدىن تۆشۈك ئىچىۋىتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن يولۋاس ئاغرىققا چىدىماي قاتتىق ۋايجانلاپتۇ .
يوۋاس چىشى بىلەن يا ئوقىنى ئەمدى چىشلەپ ئىلىۋىتەي دەپ تۇرىشىغا تۇيۇقسىز تۈلكە كىلىپ سوراپتۇ :
- كىمنىڭ يولۋاسقا ئوخشاش ۋەﻫشى ﻫەم تەڭداشسىز ياۋايى ﻫايۋاننى يارلاندۇرۇشقا قۇربى يىتىدۇ ؟
- ياق ! مەن دۈشمىنىمنى خاتا مۆلچەرلەپ قاپتىمەن ، مانا ئاۋا تەڭداشسىز ئادەم مىنى مەغلۇپ قىلدى، مەن يىڭىلدىم - دەپتۇ يولۋاس .
ساۋاق : بىلىم كۈچ دىمەكتۇر .

تۆۋەندىكىسى ﻫىكايىنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسقىسى سىلىشتۇرۇپ بىللە ئوقۇڭ

                                          The Fox and the Tiger                                                    
                                            
An Archer, hunting in the woods, was so successful with his arrows that he killed many of the wild animals. This frightened the rest so much that they ran into the densest part of the bushes to hide. At last the Tiger stood up, and pretending to be very brave, told the other animals not to be afraid anymore, but to rely on his courage, and he would attack the enemy on his own. While he was talking, and lashing his tail and tearing at the ground with his claws to impress the others, an arrow came and pierced his ribs. The Tiger howled with pain.
   While he was trying to draw out the arrow with his teeth the Fox went up to him and asked, in surprise, whoever had the strength and courage to wound such a brave and mighty beast as the Tiger?
  "Nay," said the Tiger, "I misjudged my enemy. It was that unbeatable man over there!"
  
MORAL: Knowledge is power.
 
يىڭى سۆزلەر - Archer : مەرگەن ، arrows : يا ئوقى ، pretend : يالغان قىياپەتكە كىرىۋىلىش ، misjudged : خاتا ﻫۆكۈم قىلىپ قويۇش ، unbeatable : تەڭداشسىز .

ئىزاﻫات : دوسلار بۈگۈن ئاددى بولسىمۇ بۇ ﻫىكايىنى تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم ، بىرىنجى ﻫىكايە ( ئىككى مەلىكە ) بۇ بىر بالىلار ﻫىكايىسى بولۇپ تىلى مەزمۇنى ئىنتايىن ئاددى ، مەن ئازراق چۈشەنچە بىرىپ ئۆتەي ، ﻫىكايىنى ئوقۇپ سەل قولاشمىغاندەك ﻫىس قىلىپ قالىسىز ، چۈنكى ﻫىكايىنىڭ ئەسلى نۇسقىسى 3-شەخىس تىلىنىڭ كەلگۈسى زامان شەكلىدە يىزىلغان بولۇپ ، ﻫىكايىنىڭ ئەسلى نۇسقىسىغا ﻫۆرمەت قىلغان ئاساستا تەرجىمە قىلدىم . بۇ ﻫىكايە ئۆزى ئاددى تىلى بەك چۈشىنىشلىك ، ئىنگىلىزتىنى يىڭى باشلىغانلار ۋە كىچىك بالىلار ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە . سىلەرگە پايدىلىق بولىشى ئۈچۈن يىڭى سۆزلەر دەپ ئەسكەرتىپ قويدۇم ئىنگىلىزتىلىدىكى سۆز بايلىقىڭىزنى ئاشۇرماقچى بولسىڭىز مانا مۇشۇنداق ئوقۇشلۇقنى كۆپلەپ ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
مەنبە : ئىنگىلىزچە ﻫىكايىلەر تور بىكىتى . ﻫىكايىنىڭ ئەسلى نۇسقىسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىزبۇ توربەتكە  كىرىڭ.
ئاقيول تەرجىمانلار گورۇپىسىدىن ئوپتىكا بولىمەن .