مۇﻫەببەتنىڭ ﻫىدى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 820 قىتىم
بىر كۈنى بىر يىگىت پوچتىخانغا بېرىپ << ئوراپ قاچلايدىغان خالتا بارمۇ؟ دەپ سوراپتۇ .پوچتىخانا خادىمى ئۇنىڭغا بىر قەغەز كۇرۇپكىنى بېرىپتۇ .
-بۇ بەك يۇمشاقكەن ؟ ياغاچ كۇرۇپكا بارمۇ ؟ .
-ئەۋەتىدىغان نەرسىڭىز شۇنچە قىممەتمىتى ؟
-ﻫەئە ،شۇنداق قىممەت .
پوچتىخانا خادىمى يىگىتنىڭ قولدىكى قەغەز كۇرۇپكىنى ئىنتايىن نەپىس بىر ياغاچ كۇرۇپكىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىپتۇ .
يىگىت ياغاچ كۇرۇپكىنى ئېلىپ سىنچىلاپ قارۋەتكەندىن كىيىن بىر مۇشتۇمىنى ئۇنىڭ ئىچىگە تىقىپ ، راﻫەت ياكى ئەمەسلىكنى تەكشۈرۋاتقاندەك ئىچىنى ئۇيان -بۇيان سىلاپ پوچتىخانا خادىمىغا قاراپ رازىمەنلىك بىلەن باش لىڭىشتىپتۇ .ئاندىن يانچۇقۇدىن ئاتالمىش قىممەتلىك بۇيۇمى قىزىل رەڭلىك ،يۈرەك شەكىلىك ياپلاققىنە بىر ﻫاۋا شارىنى( پۈۋلەيدىغان پى پى نى ) ئاپتۇ دە نەپسىنى ئىچگە تارتىپ تۇرۇپ چوڭ بىر تىنغىنچە شارنى پۈۋلەپتۇ .شارياغاچ كۇرۇپكىنىڭ ئىچىگە چوڭمۇ ئەمەس ،كىچىكمۇ ئەمەس دەل كەپتۇ .يىگىتنىڭ ﻫەركىتىنى كۈلكىلىك ﻫېس قىلغان پوچتىخانا خادىمى يىگىتكە :- بۇ شار شۇنچە يەڭگىل تۇرسا ،ئۇنىڭغا يەل بەرگىچە ،يېلنى قويۇۋېتىپ بىر تال كونۋېرىت ئىچىگە سېلىپ ئەۋەتسىڭىزمۇ بولاتتى . يۈتۈپ كېتشىدىن ئەنسىرسىڭىز زاكاس قىلسىڭىز نەچچە يۈەنمۇ خەجلىمەيتىڭىز - دەپتۇ .
- ئۇنداق قىلسام قانداق بولۇدۇ ؟ دەپتۇ يىگىت سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ :- سىزنىڭچە مېنىڭ ئەۋەتكىنىم بىر شارما ؟ ياق ،ئۇ مېنىڭ تىنىقىم ،مېنىڭ ﻫىدىم .قىز دوستۇم ناﻫايتىمۇ ئۇزاق بىر يەردە .بىز مىڭ بىر جاپادا ئاران بىر كۆرۈشەلەيمىز.بىر-بىرىمىزنى سىغىنىش ئىلكىدە ئەسلەيمىز .گەرچە تېلىفۇن ۋە تور بولسىمۇ ئۇ مېنىڭ ئاۋازىمغا ﻫەم كۈلكەمگە مۇﻫتاج .جۈملىدىن مېنىڭ ﻫىدىمغا ،تىنقىمغا مۇﻫتاج .ئۇنىڭغا ئەۋەتكىنىم ئۆزۈم پۈۋلىگەن شار بولماستىن بەلكى مېنىڭ ﻫىدىم ،مېنىڭ تنىقىم ....
http://www.xiaogushi.com/Article/love/20110107154213.htm
ئاقيول تەرجىمە گۇرۇپىسدىن ئارىف تەرجىمسى ...