دۇنيا خاككىرلىق تارىخىغا بىر نەزەر ( تەرجى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1092 قىتىم
دۇنيا خاككىرلىق تارىخىغا بىر نەزەر
[align=justify] ئونتوققۇزىنچى ئەسىرنىڭ يەتمىشىنجى يىللىرى بىل تەجىربىخانىسىنىڭ تىلفونى تىلفون خاككىرلىقىنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە كەڭىيشىنى بارلىققا كەلتۈردى ، شۇنىڭدىن كىيىنلا كومپىيوتىر خاككىرلىقىمۇ تاپ بىسىپ بارلىققا كەلدى ۋە ئۇچقاندەك تەرەققى قىلدى .خاككىر ( hacker ) بىر مەزگىل كومپىيوتىر تەرەققىيات تارىخىدىكى قەﻫرىمان بولۇپ ئاتالدى ، ئۇلار كومپىيوتىر سىستىمىسىنىڭ ئاجىز ، كەمتۈك بوشلۇقلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن بايقاش ﻫەمدە ئۆزگەرتىشكە قادىر . ئەمما ﻫەرقانداق شەيئى ئۆزىنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىكى ئىچىدە مەۋجۇد ﻫەمدە ئىككى تەرەپلىمىلىك ئىچىدە تەرەققى قىلىدۇ ، خاككىرلىقمۇ شۇنداق ، ئۇمۇ بۇزغۇنچىلىق بىلەن قۇرۇپ چىقىش ، ئۆزگەرتىش بىلەن قايتا قۇرۇش ئارىسىدا ئۈزلىكسىز تەرەققى قىلدى .
[align=justify] 1970- يىلى ، جون داپار ‹‹ كىمە باشلىغى گاگى ›› ماركىلىق ئويۇنچۇق قۇتىنىڭ ئىچىدىكى پۇشتەك چىقارغان ئاۋازنىڭ ئاممىۋى تىلفون سىستىمىسىنى ئاچالايدىغانلىقىنى بايقىغان ، شۇنىڭدىن كىيىن شۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ﻫەقسىز تىلفون ئۇرغان . ئۇ خاككىرلىق ساﻫەسىدە كىمە باشلىغى گاگى دەپ ئاتالغان . ئۇنىڭ بۇ بايقىشى تىلفون ئوغىرلىقىنى بارلىققا كەلتۈردى .
[align=justify] 80-يىللارنىڭ بىشىدا كومپىيوتىر يەر ئاستى تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ ، ئەڭ دەسلەپكى كومپىيوتىردىكى ئوغىرلىقنى بارلىققا كەلتۈردى .
[align=justify] 1984-يىلى گېرمانىيە ﻫامبۇرگ شەﻫرىدە تۇمان ناملىق كومپىيوتىر كۇلۇبى ( CCC ) قۇرۇلدى ، بۇ كۇلۇبنىڭ ئەزالىرى يۈزمىڭ دوللار پۇلنى تور ئارقىلىق ﻫامبۇرگ ئامانەت بانكىسىدىن ئوغۇرلاپ CCC نىڭ ﻫىساۋاتىغا يۆتكىگەن . 1987- يىلى بۇ كۇلۇبنىڭ ئەزالىرى ئامېرىكا ئالەم ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ Spain تورىغا سوقۇنۇپ كىرگەن .
[align=justify] 1988- يىلى 11- ئاينىڭ 2- كۈنى ئامېرىكا كاڭنەيئېر ئۇنۋىرسىتىنىڭ 23 ياشلىق ئوقۇغۇچىسى روبىرت مورس تور دۇنياسىغا پارازىت ناملىق ۋىروسنى تارقاتتى ، ئامېرىكا ﻫەربى قىسىم تورى ۋە خەلق تورى كۈچلىك زەربىگە ئۇچراپ ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان كومپىيوتىر سانى 6200 گە يىتىپ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنتېرنېت ئابۇنتلىرى ئومومى سانىنىڭ 10 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن ، ئىقتىسادى زىيان يۈز مىليون دوللارغا يىتىپ ئامېرىكا پەن-تېخنىكا تارىخىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان زور كۆلەملىك ئاپەتنى شەكىللەندۈردى .
[align=justify] 1995- يىلى روسىيەلىك خاككىر لىۋىن ئەنگىلىيەدە تۇتۇلغان . ئۇ خاتىرە كومپىيوتىر ئارقىىلىق نىيۇيورك ئالا بايراق بانكىسىدىن ئۈچ مىليون يەتتە يۈز مىڭ دوللارنى ئوغۇرلاپ دۇنيانىڭ ﻫەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆزىنىڭ ۋە شىرىكلىرىنىڭ ﻫىساۋاتىغا يۆتكىۋەتكەنكەن .
[align=justify] 1999- يىلى 3- ئايدا ، ئامىركىلىق خاككىر دەيۋى شىمىس مىلىسا ناملىق ۋىروسنى ياساپ ، ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ﻫەرقايسى جايلىرىدىكى مىلىيونلىغان كومپىيوتىرنى ۋە نەچچە ئون مىڭ مۇلازىمىتىرنى يۇقۇملاندۇرغان .
[align=justify] 2000- يىلى 2- ئايدا يەرشارىدىكى بارلىق خاككىرلار بىرلىشىپ خاككىرلىق ئۇرۇشىنى قوزغاپ ، پۈتكۈل ئىنتېرنېت تورىنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتكەن . كەينىدىنلا خاككىرلار يەنە ئىنتېرنېت تورىدىكى سەككىز چوڭ تور پونكىتىغا ( ئامازون تورى ، ياخۇ تورى ، مىكروسوفىت قاتارلىقلار ) ﻫۇجۇم قىلىپ بۇ تور پونكىتلىرىنىڭ نەچچە سائەتكىچە پالەچ بولۇپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .ئامىركا فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI ) ئۆزىنى قاراقول پارتىيىسى يىگىت دەپ ئاتىۋالغان بىر خاككىرنى بۇ قىتىمقى ﻫۇجۇم قىلىشقا قاتناشتى دەپ ئەيىپلەپ ، ئۇنىڭغا 56 تۈرلۈك جىنايەت يۈكلىگەن ، مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا 17 مىلىيارد دوللارلىق زىيان كەلتۈرگەن .
[align=justify] 2000- يىلى 5- ئايدا فىلىپپىنلىق ئوقۇغۇچى ئونىر گۇسمان سۆيگۈ قۇرۇتى ناملىق ۋىروسنى ياساپ ، كومپىيوتىرلارنىڭ بۇزۇلىشى سەۋەپلىك 100 مىلىيارد دوللارلىقتىن ئارتۇق زىيان كەلتۈرگەن .
[align=justify]شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتى زىدىيەت ئىچىدە يۈرۈشىدىغان جەريان . خاككىرلار كومپىيوتىر سىستىمىسىغا سوقۇنۇپ كىرىشتە ئىشلىتىدىغان كودلارنى يىزىشتا ئىشلەتكەن ئەڭ دەسلەپكى سىستېما لىنېكىس خاككىرلارنىڭ كۈچلىك ياردەمچىسى بولۇپلا قالماي يەنە نۇرغۇن بايلارنىڭ ئالتۇن ساڭقايدىغان ئىشىگى . خاككىرلار بولغاچقىلا نۇرغۇن ئۇنىڭغا قارشى يۇمشاق دىتاللار ۋە يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى بارلىققا كېلىپ تەرەققى قىلدى . بۇنداق سۆزلەپ كەلسەك سۆزلىگۈدەك ئىشلار ناﻫايتى كۆپ .
[align=justify] مىنىڭچە خاككىرلىق ﻫەرگىزمۇ نۇقۇل ﻫالدا كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ، كۇنۇپكا تاختىسىنى سىكىنۇتىغا ئوتتۇزنى بىسىپ كود يېزىپ ، باشقىلارنىڭ كومپىيوتىر سىستىمىسىغا سوقۇنۇپ كىرىشكىلا قارىتىلمىغان ، خاككىرلىقنىڭ جەريانىمۇ ﻫەرگىز كود يىزىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ . ئەمىلىيەتتە خاككىرلىقنىڭ جەريانى ئېلېكتر ئۇچۇر سىستېمىسى ۋە ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلارنى كۆزىتىش ، ئۇنىڭدىن پايدىلىق ئۇچۇر ۋە تىخنىكىلىق كەمتۈكلۈكنى تىپىپ چىقىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش . بەزىدە ﻫېچبىر كود يازمايمۇ باشقىلارنىڭ سىستىمىسىغا سوقۇنۇپ كىرىش مومكىن ، ﻫەتتا شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ پۇل-مىلىنى بۇلاپ كىتىشمۇ پەقەت نەچچە باسقۇچ بىلەنلا تاماملىنىدىغان جەريان .
[align=justify] مەن بۇ يەردەكۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان چى چى دىكى بىرقىسىم ئەڭ ئاددى ، ئەڭ تۆۋەن باسقۇچتىكى خاككىرلىقنى سۆزلەپ ئۆتەي .
[align=justify] مىنىڭچە سىز چى چى سىغا سوقۇنۇپ كىرمەكچى بولغان كىشىنىڭ چى چى نۇمۇرىنى ناﻫايتى ئاسانلا قولغا چۈشۈرەلەيسىز ، ئەمما ئۇنىڭڭدىكى مەخپى نومۇر ناﻫايتى چوڭ مەسىلە . ئەمىلىيەتتە مەخپى نۇمۇرنى تىپىش سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك قىيىن ئىشمۇ ئەمەس . نۇمۇرنى بىلسىڭىز سىز شۇ نومۇر ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ قىسقىچە ئارخىبىنى قىلچە كۈچ سەرىپ قىلمايلا تاپالايسىز . بۇنى شۇ كىشى ئۆز قولى بىلەن سىزگە تەمىنلەيدۇ . ئەلۋەتتە بۇ ئارخىپنىڭ تولۇق بولۇش نىسپىتى بەك يۇقىرى ئەمەس . ئەمدىكى ئىش شۇ ئارخىپتىن ئۆزىڭىزگە پايدىلىق ئۇچۇرلارنى ئىزدەش .
[align=justify] دىققەت قىلغان بولۇشىڭىز مومكىن ، چى چى ئارخىبىدىكى تۇغۇلغان يىل ئاي كۈننى كۆپ قىسىم ئابۇنتلار چالا قويماي تولدۇرىدۇ . ئەلۋەتتە شۇ يىل ئاي كۈنلەرنىڭمۇ ﻫەقىقى تولدۇرۇلغانلىرىنى ئۇچىرتالايمىز . دىمەك ، ناﻫايتى مۇﻫىم ئۇچۇرلارنىڭ بىرى دەل شۇ يىل ئاي كۈنلەردىن كېلىدۇ .
[align=justify]ئەگەر مەن ئون كىشىدىن قانچىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى چى چى رىڭلارنىڭ مەخپى نۇ مۇرى قىلغان دەپ سورىسام كىمىدە تۆت ياكى بەش كىشى قولىنى كۆتۈرىدۇ . ئەگەر سىز مەلۇم كىشىنىڭ چى چى نۇمۇرى ۋە شۇ كىشىنىڭ تۇغۇلغان يىل ئاي كۈنىنى بىلىۋالسىڭىز ئۇ كىشىنىڭ چى چى مەخپى نۇمۇرىمۇ بەلكىم ئاشكارلىنىپ بولغان بولۇشى مومكىن ، شۇنىڭ بىلەن سىز بەلكىم مۇۋاپىقىيەتلىك ﻫالدا شۇ كىشىنىڭ چى چى رىغا سوقۇنۇپ كىرىپ بولدىڭىز . ئەلۋەتتە ، ئىشلار بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ . چى چى نۇمۇرى بىلەن سىز شۇ كىشىنىڭ چى چى خەت ساندۇقىغا يول خەت ئىلىپ بولدىڭىز . كىيىنكىسى ، چى چى ئارخىبىدىكى يەنە بىر مۇﻫىم ئۇچۇر ، شۇ كىشىنىڭ باشقا ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇق ۋە شەخسى تور بەت ئادىرىسلىرى .
[align=justify] ئەگەر مەن ئون كىشىدىن قانچىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقلىرىغا ئوخشاش مەخپى نومۇر ئىشلەتتىڭلار دەپ سورىسام ، شۈبىﻬسىزكى كىمىدە ئالتە كىشى شۇنداق قىلىدۇ .
[align=justify] دىمەك سىز چى چى رىغا سوقۇنۇپ كىرگەن كىشى ئۆزىنىڭ باشقا ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقلىرىغىمۇ ئوخشاش مەخپى نومۇر ئىشلەتكەن بولۇشى ئىﻬتىمالغا يېقىن ، بەلكىم سىز شۇ بىر مەخپى نومۇر بىلەن ئۇ كىشىنڭ بارلىق خەت ساندۇقى ۋە شەخسى توربەتلىرىگە بىمالال كىرگەن بولۇشىڭىز مومكىن .
[align=justify]ئەمدى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىسەك ، ﻫەممەيلەنگە مەلۇم ، تور بانكىسى ، تور ئويۇنلىرى ئادەتتە مەلۇم بىر خەت ساندۇقى بىلەن باغلانغان بولىدۇ ﻫەمدە بانكا بەزى ئۇچۇرلارنى بىۋاسىتە خەت ساندۇقىغا يوللايدۇ . ئەگەر سىز مەلۇم بىر كىشىنىڭ خەت ساندۇقلىرىغا كىرەلىگەنكەنسىز شۇ كىشىنىڭ تور بانكىسىدىن ئەۋەتىلگەن ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇ كىشىنىڭ تور بانكا نۇمۇرىنى تىپىۋىلىشىڭىز ﻫەتتا قولىڭىزدىكى مەخپى نۇمۇردىن پايدىللىنىپ شۇ كىشىنىڭ تور بانكا ﻫىساۋاتىغا كىرەلىشىڭىز مومكىن . ئەگەر تەلىيىڭىز كېلىپ بۇ باسقۇچلارنىڭ ﻫەممىنى تاماملىيالىسىڭىز بىر مەيدان خاككىرلىق ئويۇنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئوينالغان بولىدۇ .
[align=justify] يۇقارقىسى پەقەتلا شەخسى كۆزقاراش ، ئۇچۇر تىخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يۇقىرىدا ئىيتىلغانلارنىڭ ئەمەلگە ئىشىش نىسپىتى تولىمۇ تۆۋەن ياكى مومكىن ئەمەس ، ئۇنى سۆزلەشتىكى مەخسىتىم پەقەتلا كۆپچىلىككە خاككىرلىق توغرىسىدا ئازراق كۆزقارىشىمنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت .
[align=justify]خاككىرلىق قوللانمىسى دېگەن كىتاپتىن ئازراق شەخسى كۆز قاراشنى بايان قىلىش ئاساسىدا تەرجىمە قىلىندى .
[align=justify]
[align=justify]ئاقيول تەرجىمانلار گۇرپىسىغا كىرىش ئىلتىماسىم
[align=justify]
[align=justify]ﻫۆرمەتلىك ئاقيول تەرجىمانلىق گۇرىپىسىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى :
[align=justify]
[align=justify] ئەسلى پەقەتلا ئىلتىماس يازغۇم يوقتى ، چۈنكى ﻫازىر ئىلتىماسنىڭ قەغىزى ۋە ئۇنى سالىدىغان لىپاپقا ئۆلچەم بەك ئىغىرلاپ كەتتى . ئىلتىماسنىمۇغۇ كۆپ يىزىپتىمەن ، بىرەر پارچىنى ئارتۇق يازسام ﻫىچ ئىش بولماس .
[align=justify]ئاقيول تەرجىمانلار گۇرۇپىسىغا قوشۇلۇشنى خالايمەن .
[align=justify]
[align=justify]ﻫۆرمەت بىلەن ئىلتىماس قىلغۇچى : كاككۇك