guide
كەچۈرۈڭ ،بۇ يەردە سۆيۈشۈشكە بولمايدۇ
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
953 قىتىم
ﻫۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ، يېقىندىن بۇيان ئالىي مەكتەپتە مۇﻫەببەتلەشسە بولامدۇ دىگەن مەسلە ئاۋام ئارىسدا بولۇپمۇ كەڭ ياشلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسدا كۈچلۈك بەس مۇنازىرە قوزغاپ خېلى غۇلغۇلا پەيدا قىلدى . شۇنىڭ دەلىلىي سۈپتىدە تۆۋەندىكى ماقالىنى ۋاقىت مۇناسۋېتى بىلەن ئازراق قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدىم . بىزلەرنىڭ جەميىتىمىزگە ماس كېلەمدۇ ؟ كەلمەمدۇ بۇنسى ماڭا قاراڭغۇ : لېكىن ماقالدىكى كۆز قاراشلارسەلبىي ياكى ئىجابىي بولسۇن  ماقالە ئىگىسىگە تەۋە ،سىزنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرشىڭىز كەسپى ۋە ئەخلاقىي سەۋىيەرىڭىز ،بىلىم قۇرۇلمىڭىزغا باغلىق ،


بىر ئادەمنىڭ قانداق ۋاقىتتا مۇﻫەببەتلىشىشنى ئويلىشى - ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشى .مۇﻫەببەتلەشكۈچلەر ئارىسدا ئىشىق -مۇﻫەببەتتىن سۆز ئىچىلغاندا ئۆزلىرىنى تۇتۋالالماي  ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىمەستىن ئوت ئۈستىگە ياغ چاچىدىغان ئەﻫۋاللار مەۋجۇت .
قىززىق يېرى يېقىندا دۆلەت ئىچىدىكى بىر ئالىي مەكتەپ يېڭى بىر تۈرلۈك بەلگىلمە چىقىرىپ ئالىي مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ سۆيۈشۈشنى چەكلىگەن . ئەگەر ئامراق ئاشىق مەشۇقلار ئۆزلىرىنى ئۇنۇتقان ﻫالدا ئەخلاق ۋە ﻫاياغا تۇزكورلۇق قىلىپ سۆيۈشۈپ كەتسە ئۇلارنى كۆرۈپ قالغان ﻫەرقانداق ئادەم ئۈنلۈك ئاۋازدا << كەچۈرۈڭ ،بۇ يەردە سۆيۈشسىڭىز بولمايدۇ .قىزىققۇچىلكى يوق ،يۈرىكىڭىز ئىزىغا چۈشمەيدۇ .بۇ بىر سالاپەتلىك ئوقۇغۇچىنىڭ قىلدىغان ئىشى ئەمەس-.دەيدىكەن .
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرىنىڭ ئۆگنىش ۋە تۇرمۇشى ئاساسەن مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە ئۆتىدۇ .مەكتەپ ئىچىدە سۆيۈشۈشكە رۇخسەت قىلمىسا ئەلۋەتتە سىرتلاردا ،بىنا تۈۋىلىرىدە قۇچاقلىشدىغان ،كالپۇك يالشىدىغان ئەﻫۋاللار يۈز بېرىدۇ .
ئېسىمدە قېلىشچە 2002-يىلى  قىسمەن ئالىي مەكتەپلەر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە شارائىتى  يار بەرسە توي قىلشىغا رۇخسەت قىلغان .شۇ ۋاقىتتا توسۋالغۇسىز دولقۇن كۆتۈرلۈپ نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەكرەپ چىقىپ << ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇﻫەببەتلىششى  مەكتەپنىڭ قائىدە تۈزۈمىگە خىلاپ ،ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە توي قىلساق نۇرمال ئۆگىنىش پائاليىتىمىزگە تەسىر يېتىدۇ ،مەكتەپ ئىستىلى بۇزۇلدۇ،...دەپ قاراپ   بۇنىڭغا قارشى تۇرغان .رۇخسەت قىلغانلىق ئىلﻬاملاندۇرغانغا باراۋەر ئەمەس .ئەمما ئۆتۈپ كەتكەن خاتا بەلگىلمە قائىدىلەرنىڭ تۈزۈتۈلشى خۇددى ﻫودۇقۇپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغاندەك ئازراق چەكتىن ئېشىپ كەتتى .خۇددى ئىلﻬاملاندۇرغاندەك
مەكتەپ ئىچىدە قورساق كۆتۈردىغان قىزلار، ئېچىرقاپ كەتكەن بوۋاقلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى .
مەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نىكاﻫلىنىشغا ،ياكى بىللە تۇرشىغا قارشى چىققۇچىمۇ ئەمەس ،ﻫەم ئانچە  قوللاپمۇ كەتمەيمەن .ئەقلى قابىليىتى يۇقۇرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلى ﻫىسىياتىمۇ شۇنىڭغا ماس تەرەققىي قىلدۇ .شۇڭا مۇﻫەببەتلىشىپ توي قىلىشنى ئۆگىنىشنى بىر قەدەممۇ كېچىكتۈرمەسلىك كېرەك .ﻫۇزۇرىنى سۈرۈش كېرەك .ئۇلارنى نىمانچە توسۇۋالسىز ؟دۆلتىمىزنىڭ قانۇنى مۇكەممەل ئەمەس ،ئەمما قىزلار 20ياش ،ئوغۇللار 22ياشتا توي قىلسابولۇدۇ دەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن .ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇناسۋەتلىك بەلگىلمىللىرى نىمىشقا تەپتاتماي قانۇن بىلەن ئوينىشدۇ ؟ مەكتەپلەر بىر ئەر ئاياللار بىناسى قۇرسا نۇرغۇن كىشلەر قوللىماسمىتى ؟
مېنىڭچە باشتا دىگنىمدەك قايسى ۋاقىتتا ،قانداق ئادەملەر بىلەن مۇﻫەببەتلىشىپ توي قىلىش ﻫەركىمنىڭ ئەركىنلىكى ۋە خۇسۇسىي ئىشى .بىر ئۆمۈر مۇﻫەببەتلەشمەي توي قىلماي ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىشى . .....
http://www.xiaogushi.com/Article/shuimu/20110106153346.htm

ئاقيول تەرجىمە گۇرۇپپىسدىن ئارىف تەرجىمسى ....